سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قېلىن قاردىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى 1-دەرىجىلىك «ئەلا» بولدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    بىر مەيدان قاتتىق قارنىڭ يېغىشى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولۇپ، 27-نويابىر سەھەر سائەت 4:00 دىن باشلاپ، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشىدىن «ئەلا» غا ئۆزگەردى، 28-دېكابىر سائەت 15:00 گىچە، 12 سائەت داۋام قىلغان 1-دەرىجىلىك «ئەلا» ھاۋارايى ھاۋا سۈپىتى بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچى 18 دىن 40 قىچە بولغان ياخشى نەتىجىنى ساقلاپ قالدى.

    پۈتۈن مەملىكەت PM2.5 نازارەت تورى تەمىنلىگەن نازارەت سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 27-دېكابىر ئۈرۈمچى ھاۋا سۈپىتىنىڭ پەيتلىك نازارەت سانلىق مەلۇماتى ئىزچىل ياخشى بولغان، كەچقۇرۇن بىر مەيدان قېلىن قارنىڭ يېغىشى بىلەن، 28-دېكابىر سەھەر سائەت 4:00 دىن باشلاپ ھاۋا سۈپىتىنىڭ پەيتلىك سانلىق مەلۇماتى ياخشىدىن 1-دەرىجىلىك «ئەلا» غا ئۆزگەرگەن، ھاۋا سۈپەت بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچى ئىزچىل 18 دىن 40 قىچە بولغان «ئەلا» نەتىجىنى ساقلاپ قالغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368595481