سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قېلىن قاردىن كېيىن ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇپ-قونۇشى بارا-بارا ئەسلىگە كەلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    ئۈرۈمچىدە ياغقان قارنىڭ تەسىرىدە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى 27-دېكابىر سائەت 22:00 دە ئېتىۋېتىلىپ، 31 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇپ-قونۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، 28-دېكابىر سائەت 18:27 گىچە، ئايرودۇرۇمدىن ئۇچقان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ سانى 123 كە، قونغان ئايروپىلاننىڭ سانى 126 گە يەتكەن.

    27-دېكابىر سائەت 17:00 دە ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمى 1-قېتىم ئېتىۋېتىلگەن. سائەت 18:00 دە قارنىڭ چۈشۈشى ئازايغاچقا نۆۋەتچى ئايروپىلانلار نورمال ئۇچقان. لېكىن كەچ سائەت 20:00 دە، قار بەك كۆپ يېغىپ كەتكەچكە ئېتىۋېتىلگەن. شۇ كۈنى سائەت 22:00 دىن 28-دېكابىر سائەت 7:20 گىچە ئايرودۇرۇم يەنە بىر قېتىم ئېتىۋېتىلگەن. بۇ جەرياندا 26 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى تەسىرگە ئۇچرىغان، توققۇز نۆۋەتچى ئايروپىلان زاپاس ئايرودۇرۇمغا قونغان، ئىككىسى قايتىپ كەتكەن، ئۇچۇپ، قونماقچى بولغان 31 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

    28-دېكابىر سائەت 7:20 دە، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمى ئېچىۋېتىلىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 28-دېكابىر 255 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قونۇشى، 218 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى پىلانلانغان بولۇپ، سائەت 18:00 گىچە 123 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇپ، 126 نۆۋەتچى ئايروپىلان قونغان.

    جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ يۈرۈش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 28-دېكابىر قار تازىلاش سەۋەبىدىن ئايرودۇرۇمنىڭ نورمال يۈرۈشى تەسىرگە ئۇچرىغان، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، 27-، 28-دېكابىر ئىككى كۈندە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى تەڭشىگەن نۆۋەتچى ئايروپىلان 180 دىن ئېشىپ كەتكەن. چۈشتىن كېيىن سائەت 18:00 گىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 50 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئوڭۇشلۇق ئۇچۇپ، 45 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىخەتەر قونغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368595421