سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ رەھبەرلىك–قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنى تەڭشەشنى قارار قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 27 -كۈنى تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ رەھبەرلىك – قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارارى››نى ئېلان قىلدى، 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ، قوراللىق ساقچى قىسىمغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ــ قوراللىق ساقچى قىسىم ــ قىسىم رەھبەرلىك – قوماندانلىق تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ.

    ‹‹قارار›› دا قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىشتاتىغا تەۋە بولىدىغانلىقى، گوۋۇيۈەن تەرتىپىدە بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇلۇشىغا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلىگەن ئىشتات مۇناسىۋىتى بويىچە تەشكىلىي رەھبەرلىك قىلىنىدۇ. مەركەز ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلىرى بىلەن مۇناسىپ ۋەزىپە، ئېھتىياج ۋە خىزمەتنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ.

    ‹‹قارار›› دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ›› نى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال ماسلىشىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، ھەقىقىي ئىشلەپ، قوراللىق ساقچى قىسىم رەھبەرلىك – قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنىڭ تەرتىپلىك ئۆزگەرتىلىشىگە، مۇقىم يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368595401