سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ ج ك پ 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2–ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى يىغىن ئېچىپ، كېلەر يىلى 1 – ئايدا بېيجىڭدا ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى. يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى: ئاساسىي قانۇندىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى مۇزاكىرە ۋە تەتقىق قىلىش. يىغىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، 2018 – يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، پارتىيەمىزدە چوقۇم يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش، ئۇنى ھەرگىزمۇ يېرىم يولدا توختىتىپ قويماسلىق كېرەك. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىنى قاتتىق قوغداپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش، پارتىيەنى ئىنتىزام ئارقىلىق كۈچەيتىش، پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا تەڭ كۈچەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىستېمىلىقى، ئىجادىيلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، دىققەتنى ‹‹يەتتە خىل قىلمىش››نى تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەگە سادىق – سەمىمىي بولمىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىگە خىلاپلىق قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. لەۋزىدە تۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈگۈنلەرنى بىر – بىرلەپ قەتئىي يېشىپ، مەسىلىلەرنى بىر – بىرلەپ ھەل قىلىپ، كونكرېت تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، كەينىگە يېنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تۈزەپ، ئالاھىدە ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئالاھىدە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئەيمىنىشنى بىلىدىغان بولۇشىغا، خەلقتە ئىشەنچ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ قېشىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى قاتتىق تۈزەش، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان، مەسىلە يىپ ئۇچى مەركەزلەشكەن، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ھازىر مۇھىم رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرۇۋاتقان، يەنە ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش ئېھتىمالى بولغان رەھبىرىي كادىرلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش، سىياسىي مەسىلە بىلەن چىرىكلىك مەسىلىسى مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، پارتىيە ئىچىدە شەخسىي كۈچ يېتىشتۈرۈپ، مەنپەئەت گۇرۇھى تەشكىللىگەن قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئۆز – ئۆزىنى نازارەت قىلىش ۋە ئۆز – ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

    بۇنىڭدىن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئەھۋالى ۋە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

    يىغىن 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىنى كېلەر يىلى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە ئېچىشقا قوشۇلدى.

    يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368595341