سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ جۇڭگو–ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئالاقە مېخانىزمىنىڭ 7–يىغىنىغا قاتناشقان ياپونىيە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگوغا جۇڭگو – ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئالاقە مېخانىزمىنىڭ 7 – يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى توشىخىرو نىكاي، ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىنوۋ يوشىكۇ ۋە ئۇلار باشلاپ كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى تېلېگراممىسى: (مۇخبىر ۋاڭ خۇي خۇي) ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگوغا جۇڭگو – ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئالاقە مېخانىزمىنىڭ 7 – يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى توشىخىرو نىكاي، ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىنوۋ يوشىكۇ ۋە ئۇلار باشلاپ كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

    شى جىنپىڭ جۇڭگو – ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئالاقە مېخانىزمىنىڭ ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئوينىغان رولىغا ئىجابىي باھا بەردى، ئىككى باش ئىش بېجىرگۈچىنىڭ جۇڭگو – ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇزاقتىن بۇيان بوشاشماي كۈچ چىقارغانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ۋە ئەلئارا دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى مەدھىيەلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىپ، تەرەققىي قىلىشىدا باشلامچىلىق رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.

    توشىخىرو نىكاي بىلەن ئىنوۋ يوشىكۇ شى جىنپىڭنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى، ياپونىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    كۆرۈشۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جۇڭگو – ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئالاقە مېخانىزمىنىڭ 7 – يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ياپونىيەنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

    ياڭ جيېچى يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جۇڭگو – ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئالاقە مېخانىزمىنىڭ 7 – يىغىنى 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىن 26 – كۈنىگىچە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن، فۇجۇ شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا ‹‹جۇڭگو – ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئالاقە مېخانىزمى 7 – يىغىنىنىڭ ئورتاق تەشەببۇسنامىسى›› ماقۇللاندى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368595251