سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تۇرپان ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى تەستىقلاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    تۇرپان ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى يېقىندا تەستىقلانغان بولۇپ، كېڭەيتىلگەندىن كېيىن تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ قاتناش ئەسلىھەسى، قاتناش ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتياجى ۋە يۈك توشۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ 26-دېكابىر تۇرپان ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، تۇرپان ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئىككى يىلغا سوزۇلىدىغان بولۇپ، تۈر ئومۇمىي مەبلىغى 688 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

    تۇرپان ئايرودۇرۇمىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە تۇرپان ئايرودۇرۇمىدىكى قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئالتىگە، قاتنايدىغان شەھەرلەرنىڭ سانى 11گە يەتكەن. 2017-يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرىغىچە، تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 755 توننىدىن ئاشقان، كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچىلار ئېقىمى بىلەن يۈك ئېقىم مىقدارى ئايرىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەر ۋە يۈك توشۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە غەربىي شىمال رايوندىكى بايلىقنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368595231