سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگو پۇتبول ئىنىستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ تارماق ئىنىستىتۇتى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    جۇڭگو پۇتبول ئىنىستىتۇتى شىنجاڭ تارماق ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمى 25-دېكابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى رەسمىي تۈردە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن كان»نى ئورتاق قېزىشقا ئاتلاندى.

    ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو پۇتبول ئىنىستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ تارماق ئىنىستىتۇتى شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدا قۇرۇلىدىغان بولۇپ، گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئوقۇغۇچى تاللىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي ئىنىستىتۇتى بىلەن بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئوقۇتقۇچى ئاجرىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەسلەپكى قەدەمدە تەربىيەلەيدىكەن، نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلارغا بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنۋان تارقىتىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى نيې چۈن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگو پۇتبول ئىنىستىتۇتى شىنجاڭ تارماق ئىنىستىتۇتى قۇرۇلۇشىنى ئاچقۇچ دەپ بىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ پۇتبول ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتىدۇ.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئېرپان ھېزىمجان، فىرات ئىمىنجان قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلار بارلىققا كەلدى. بۇ يىل تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ U18 بىلەن U20 كوماندىلىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، U18 كوماندىسى 3-لىككە ئېرىشىپ، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ياراتتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368595221