سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر–بازارلىرىدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 468 مىڭغا يەتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر – بازارلىرىدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 468 مىڭغا يېتىپ، يىللىق پىلان %106.4 ئورۇندالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىزغا قاراشلىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىن بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزگەن 77 مىڭ 400 ئوقۇغۇچى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %89.6كە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %5.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزغا قاراشلىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %85كە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت يىللىق ۋەزىپە ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچىگەن، رايون ئاتلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن. كارخانىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى كېپىللىك قەرز مەبلىغىدىن بەھرىمەن قىلىش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك تەدبىرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئاجىز نۇقتا بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلغان.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملىق گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك يول، شەكىللەر ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئىشلىگەن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان 52 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىللىق ۋەزىپىنى %104 ئورۇندىغان. ئائىلىسىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىن 1226 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368595201