سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىنى كۆڭۈل قويۇپ، چىن مېھىر بىلەن كۈچەپ ياخشى تۈزۈپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    لى پېڭشىن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2–قېتىملىق يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

 مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىنى كۆڭۈل قويۇپ، چىن مېھىر بىلەن كۈچەپ ياخشى تۈزۈپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

    ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 2 – قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يىرىك پىلانغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ، چىن مېھىر بىلەن كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

    مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مۇھىت پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ جىننەننىڭ يىرىك پىلاننىڭ تۈزۈلۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى ۋە ئەزا ئورۇنلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسىي مەيداننى چىڭىتىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك، مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. يىرىك پىلانغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىش كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يىرىك پىلانغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتى ئۇنىۋېرساللىقى كۈچلۈك خىزمەت، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالىغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى كۆزلەپ، ‹‹بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات›› دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىرتۇتاش پىلان، بىرلىككە كەلگەن سىياسەت، بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم، بىرتۇتاش تەلەپ بويىچە تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشى، مۇھىم نۇقتا يۆنىلىشى، ئالاھىدىلىك يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ھازىرقى خىزمەت بىلەن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەلگۈسى پىلاننى بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ›› دەيدىغان ئىدىيە بىلەن مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، مەشغۇلاتچانلىقى يۇقىرى، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان يىرىك پىلان تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن قوماندان جاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368595191