سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تارىم دەرياسى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشتە ‹‹يېشىللىق مۆجىزىسى›› داۋاملىق يارىتىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى مەنزىرىسى (10 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تارتىلغان). خەن لياڭ فوتوسى

    دېكابىردىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا سوغۇق بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى دەريالار مۇز تۇتتى.

    تارىم دەرياسى ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭ بوستانلىقىنى ياشارتقان ‹‹ئانا دەريا››. ۋادا دائىرىسىدە 12 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئامما ياشايدۇ، 46 مىليون موغا يېقىن تېرىلغۇ يەر، نەچچە ئون مىليون مو توغراقلىق بار.

    بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش بويىچە ئۈچ تۈردە تارىخىي رېكورت يارىتىلدى: بىرىنچىسى، 18 – قېتىملىق ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلىپ، سۇ قويۇپ بېرىلىش ۋاقتى يىللاردىن بۇيان ئەڭ بالدۇر بولدى، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا ئۈچ ئايغا يېقىن ئالدىغا سۈرۈلدى؛ ئىككىنچىسى، سۇ ئېقىمىنىڭ سۈرئىتى ئەڭ تېز بولدى، سۇ ئون كۈندىلا تېتىما كۆلى رايونىغا يېتىپ بېرىپ، 17 – قېتىمدىكىدىن سەككىز كۈن قىسقاردى؛ ئۈچىنچىسى، قويۇپ بېرىلگەن سۇ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولدى، ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، تۆۋەنگە قويۇپ بېرىلگەن ئېكولوگىيەلىك سۇنىڭ مىقدارى 1 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىردىن ئېشىپ، بىر قېتىمدا قويۇپ بېرىلگەن ئېكولوگىيەلىك سۇ مىقدارى جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان.

    ئىلگىرى تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنىدا سۇ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىلگەچكە، تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى بارا – بارا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى تېتىما كۆلىگە يېتىپ بارالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن بۇيان، تارىم دەرياسىنىڭ كۆپلىگەن تارماق ئېقىنى كەينى – كەينىدىن قۇرۇپ كەتتى. بۇنىڭغا سۇ بايلىقىنىڭ تەرتىپسىز ئېچىلىشى ۋە تۆۋەن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قوشۇلۇپ، غول ئېقىنغا ئېقىپ بارىدىغان سۇ مىقدارى يىلمۇيىل ئازىيىپ، تۆۋەنكى ئېقىندىكى 300 كىلومېتىردىن ئارتۇق دەريا قىنى قۇرۇپ كەتتى.

    ‹‹ئانا دەريا››نىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۈكسەك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى، 2000 – يىلىدىن باشلاپ، مەركەز زور مەبلەغ ئاجرىتىپ تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جىددىي ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىپ، تۆۋەنكى ئېقىن رايونىدىكى ئېكولوگىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلدى. 18 قېتىم يىلدا ئۈزۈلدۈرمەي ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش نەتىجىسىدە، يېڭى ‹‹يېشىللىق مۆجىزىسى›› يارىتىلدى.

    تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنىڭ ئاچقۇچى سۇ تېجەشتە. شۇڭا، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋادى رايونى دائىرىسىدىكى بەش ۋىلايەت (ئوبلاست) ۋە بىڭتۈەننىڭ تۆت شىسىدا سۇنى نورمىلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۆت ئېقىن مەنبەسىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى تولۇق ئىشتاتى بىلەن تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. سۇغىرىش رايونىنى سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش، تۈزلەڭلىك سۇ ئامبىرىنى سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش، يەر ئاستى سۈيىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش، دەريا قىنىنى تۈزەش، ۋادى سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، يىلدا 2 مىليارد 722 مىليون كۇب مېتىر سۇنى تېجىدى.

    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ـــ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئۇلۇغ پىلانى. سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دەيدىغان قاراشنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

    تارىم دەرياسى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش دەل پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت.

    ئۈزۈلدۈرمەي ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەسىراتى ئەڭ چوڭقۇر. 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تارىم يېزىسى بوستان كەنتىدىكى دېھقان مەمەت قارى مۇنداق دېدى: قۇرۇپ كەتكەن ئېقىنغا سۇ كېلىپ، توغراقلار ياشاردى، ساياھەتچىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. لوپنۇر ناھىيەسىدىكى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى تۇتاش كەتكەن توغراقلىقتا نۇرغۇن كىشى سەھرا ئارامگاھى ئاچتى.

    ‹‹سۇ بىلەن زېمىن كۆكىرىدۇ، سۇسىز زېمىن چۆلگە ئايلىنىدۇ››. تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى چاقىلىق ناھىيەسىدىكى چارۋىچى پاتىگۈل غاپپار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: سۇ بولمىسا ئوت – چۆپلەرمۇ ئۈنمەيدۇ، بىز تېخىمۇ يىراق جايلارغا بېرىپ چارۋا بېقىشقا مەجبۇر بولىمىز.

    بۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان، تېتىما كۆلىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەتراپتىكى ئوتلاقلار قويۇقلاشتى، پاتىگۈل تېتىما كۆلى ئەتراپىدىكى قورغان كەنتىگە كۆچۈپ كەلدى، قويلىرىنىڭ سانى يىلدىن – يىلغا كۆپەيدى.

    18 يىللىق ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئارقىلىق، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە ياخشىلانغان يېپىنچا ئۆسۈملۈك كۆلىمى 2285 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېپىنچا ئۆسۈملۈك كۆلىمى 362 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، قۇملۇق كۆلىمى 854 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايدى، ئۆسۈملۈك تۈرى 17 خىلدىن 46 خىلغا كۆپەيدى. تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۆمەرجان ئوبۇل: قۇملاشقان كۆلەم ئازايدى، سۇ يۈزى كېڭەيدى، تۆۋەنكى ئېقىندىكى يېشىل كارىدور راۋانلاشتى، بۇ، تارىم دەرياسىنى ئون نەچچە يىل ئۇنىۋېرسال تۈزەش نەتىجىسىدە، تۆۋەنكى ئېقىندىكى قۇرۇپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېدى. دەريانىڭ سۇ مەنبەسىدىن تۆۋەنكى ئېقىنغىچە، دەريا قىنىدىن قىرغاققىچە تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368595091