سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسى يەنە تەڭشەلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    28-دېكابىر سائەت 0:00 دىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يېڭى يۈرۈش خەرىتىسى يولغا قويۇلدى. بۇنىڭدىكى ئاقسۇدىن خاڭجۇغىچە قاتنايدىغان K596/3 قېتىملىق ساياھەت پويىزى 4933 كىلومېتىرلىق يۈرۈش مۇساپىسى بىلەن شىنجاڭدىن چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يۈرۈش مۇساپىسى رېكورتىنى يېڭىلىغان.

    شىنجاڭ تۆمۈريول تىرانسىپورت تارمىقىدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 28-دېكابىر شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ 2017-يىلى كىرگەندىن بۇيانقى 10 - قېتىملىق تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 5-يانۋار، 1-مارت، 16-ئاپرېل، 10-ئىيۇن، 1-ئىيۇل، 8-ئاۋغۇست، 21-سېنتەبىر، 12-ئۆكتەبىر، 30-نويابىر پويىزنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشىگەنىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى-چۇڭچىڭ شىمالىي ۋوگزالى ئارىسىدا قاتنايدىغان K544/3 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ئاقسۇغىچە تەڭشەلگەن، ئۈرۈمچى-جىنەن ئارىسىدا قاتنايدىغان K1338/5 ۋە K1336/7 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى غۇلجىغىچە ئۇزارتىلغان، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكە ئارىسىدىكى يولۇچى ۋە مال مىقدارى ئاشقان. ئۈرۈمچىدىن خوتەنگىچە بولغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلىدەك بولۇش» ناملىق نۆۋەتچى پويىزى تۇغقانلىشىدىغانلارغا بىخەتەر، تېز، ئىللىق مۇھىت ياراتقان. ئۈرۈمچىدىن تۇرپان، پىچانغا قاتنايدىغان ئوقپويىز تۇرپان، پىچان ۋە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتكەن. بېيتۈن-ئالتاي ئارىسىدا قاتنايدىغان تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئالتاي شەھىرىدە پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن. جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشقان، نۇرغۇن نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ سۈرئىتى تېزلەشكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368595051