سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچىدە قاتتىق قاردىن كېيىن يوللار راۋان بولدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    28-دېكابىر ئەتىگەن، ئۇدا ياغقان قاتتىق قاردىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يوللار راۋان، ھاۋا ئوچۇق بولدى.

    ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تەققەززار بولغان قارنى كۈتۈۋالدى.

    ئۈرۈمچىدە ئۇدا 10 نەچچە سائەت ياغقان قېلىن قار 28-دېكابىر سەھەر كۈن يورۇشتىن بۇرۇن توختىدى. 1700 قار تازىلاش ئاپتوموبىلى، 25 مىڭ مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى 27-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00دىن باشلاپ 28-دېكابىر ئەتىگەن سائەت 10:00غىچە قار تازىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ شەھەر رايونىنىڭ يوللىرىدىكى قارلارنى تازىلىدى. يول ياقىسىغا جايلاشقان دۇكانلارنىڭ ئىگىلىرىمۇ بالدۇر تىجارەت باشلاپ ئىشىك ئالدىلىرىدىكى قارلارنى تازىلاپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق ياراتتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368594811