سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‹‹بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى››

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئەتىگەندە، شايار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى كۆز – قۇلاق – بۇرۇن – يۇتقۇنچاق كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى ياڭ جياۋجياۋ تۇغقىنى سائادەمنى تاراندۇرغاندىن كېيىن، ئۇماچ ئەتتى، ئارقىدىن بازاردىن نان سېتىۋالدى، سائادەم ناشتىدا ئۇماچ بىلەن نان يەيتتى.

    ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، شايار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى تېببىي خادىملار شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرى تاللىق كەنتىگە كېلىپ، تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى. بۇ، ياڭ جياۋجياۋنىڭ تۇغقىنى سائادەمنىڭ ئۆيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى.

    ـــ ئۆيۈمدە قانداق ئىش بولسۇن بۇ ‹‹قىزىم›› كېلىپ ياردەملىشىدۇ، ــ دېدى سائادەم ھاياجانلانغان ھالدا.

    مېڭىش ئالدىدا، سائادەم ياڭ جياۋجياۋنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالدى. ياڭ جياۋجياۋ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ : بىرقانچە كۈندىن كېيىن سىلەرنى يەنە يوقلاپ كېلىمەن، بىز دېگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى، دېدى.

سۈرەتتە: سائادەم 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ياڭ جياۋجياۋدىن ئايرىلىشقا قىيماي، كۆز يېشى قىلماقتا.

سۈرەتتە: ياڭ جياۋجياۋ بىلەن سائادەم 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى سائادەمنىڭ ئىككى قىز نەۋرىسىنى يەسلىدىن بىللە ئېلىپ كەلمەكتە.

سۈرەتتە: ياڭ جياۋجياۋ سائادەمنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىمەكتە

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368594791