سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ 2017–يىللىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمەت يىغىنىغا قاتناشقان ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى تېلېگراممىسى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى خەلق سارىيىدا ۋەتەنگە قايتىپ 2017 – يىللىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمەت يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دىپلوماتىيە خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئەلچىلەردىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھازىرقى دەۋر ئېقىمى ۋە خەلقئارا چوڭ ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

    شى جىنپىڭ ئاۋۋال پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئەلچىلەر ھەم دىپلوماتىيە سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قوللىشى ئاستىدا، دىپلوماتىيە خىزمىتى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، بىرلىكتە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور تۆھپە قوشتى. بەش يىلدىن بۇيانقى دىپلوماتىيە خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر پۈتۈن پارتىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

    شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. يېڭى دەۋردىكى دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھازىرقى دەۋر ئېقىمى ۋە خەلقئارا چوڭ ۋەزىيەتنى توغرا تونۇش كېرەك. دۇنياغا نەزەر سالساق، بىز ھازىر 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىۋاتىمىز. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تېز تەرەققىي قىلدى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى تېز تەرەققىي قىلدى، خەلقئارا ۋەزىيەت كۈنسايىن تەڭپۇڭلىشىۋاتىدۇ، خەلقئارا ئېقىمدىكى چوڭ يۈزلىنىشنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىشلىگەچكە، جۇڭخۇا مىللىتى قەد كۆتۈرۈش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت مىسلىسىز شانلىق كەلگۈسى نامايان بولدى. بىز بەل قويۇۋەتمەي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، دۆلىتىمىز كۈنسايىن گۈللىنىپ روناق تېپىپ، دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشالايمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىشەنچ ۋە ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، كونا، ئەگرى يولغا ماڭماي، دادىللىق بىلەن يېڭى يول ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈنسېرى نامايان قىلدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان پۇرسەت ھەم خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. دىپلوماتىيە سېپىدىكى بارلىق يولداشلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا داۋاملىق تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

    بىرىنچى، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان پاك ۋىجداننى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. غايە – ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە، دۆلەت، خەلققە مۇتلەق سادىق بولۇش دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ يىلتىزى ۋە روھى. ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەملەپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغداپ، دىپلوماتىيەنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك.

    ئىككىنچى، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىدىغان كەسىپچانلىق روھىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەپلا قالماي، يەنە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم بۇرچى قىلغان. شۇڭا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ كەڭ دۇنيا قاراش ۋە تېخىمۇ ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەلىك ئارزۇلار بىلەن ۋەتەننى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، جاھانغا نەزەر سېلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋەت تورى قۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹دوستلار چەمبىرىكى››نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. بىرلىكتە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۇنيانى ئىدارە قىلىش ئىشلىرى ۋە كۆپ تەرەپلىك ئىشلارغا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ئۈچىنچى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆزىنى يېڭىلايدىغان ئالغا ئىنتىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە دائىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى دىپلوماتىيە قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. دىپلوماتىيە خادىملىرى سىياسىي جەھەتتە پىشىپلا قالماي، يۇقىرى كەسپىي ماھارەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. شۇڭا ئۆگىنىشنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى، تۈرلۈك بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىلمىيلىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىشى كېرەك.

    تۆتىنچى، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرىدىغان، ئۆزىنى قاتتىق ئىدارە قىلىدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. دىپلوماتىيە چوڭ ھوقۇقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىپلوماتىيە خىزمىتىگە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ. شۇڭا پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تىرىشىپ سىياسىي جەھەتتە قابىل، كەسىپتە پىشقان، ئىستىلى دۇرۇس، ئىنتىزامى چىڭ بولغان دىپلوماتىيە قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

    شى جىنپىڭ بارلىق ئەلچىلەرنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تىرىشىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

    2017 – يىللىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمەت يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش. ياڭ جيېچى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يول ئېچىپ تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى كەيپىياتى ۋە يېڭى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىشنى تەلەپ قىلدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368594581