سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدا مەخسۇس نەپەس كېسەللىكلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-28

    مەملىكەتلىك نەپەس كېلىنكىلىق تەتقىقات مەركىزى ۋە جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى نەپەس مەخسۇس كېسەللىكلىرى بۆلۈمى بىرلىكتە ئاچقان شىنجاڭدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە شىنجاڭ نەپەس مەخسۇس كېسەللىكلىرى بىرلەشمىسىنى قۇرۇش مۇراسىمى 22-دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا نەپەس مەخسۇس كېسەللىكلىرى بىرلەشمىسى بار بولدى.

    شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانسىسى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەن دوختۇرخانىسى قاتارلىق بەش دوختۇرخانىغا «مەملىكەتلىك نەپەس كېسەللىكلىرى مەركىزى . جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى نەپەس مەخسۇس كېسەللىكلىرى بىرلەشمىسى» نامى بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۇقارقى بەش دوختۇرخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى 13 دوختۇرخانا رەسمىي تۈردە شىنجاڭدا نەپەس مەخسۇس كېسەللىكلىرى بىرلەشمىسى قۇردى.

    جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، بېيجىڭ جۇڭگو-ياپونىيە دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چېن مۇنداق دېدى: نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكى شىنجاڭدا كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋە كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىك. ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭدا ئۆپكە تۇبېركۇليۇزنىڭ قوزغىلىشى ئىزچىل تۈردە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. نەپەس مەخسۇس كېسەللىكلىرى بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى نەپەس كېسەللىكلىرىنى داۋالاش سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات تەلىپى ۋە كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بىمارلارنىڭ داۋالىنىش تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368548201