سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلغان زور قىلمىشلار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىناۋەت ئارخىپىغا كىرگۈزۈلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-28

    مۇخبىر ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلىش زور قىلمىشلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹يولغا قويۇش چارىسى›› دەپ ئېلىندى) نىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئەمگەك نازارەتچىلىكى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي خۇڭيەننى ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى. تۆۋەندىكىسى زىيارەتنىڭ سوئال – جاۋابلىق خاتىرىسى.

    سوئال: نېمە ئۈچۈن بۇ ‹‹يولغا قويۇش چارىسى›› ئېلان قىلىنىدۇ؟

    جاۋاب: بىرىنچىدىن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلغان زور قىلمىشلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش چارىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايلارنىڭ ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلغان زور قىلمىشلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلغان زور قىلمىشلارنى جازالاشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتنىڭ جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك كاپالىتىگە دائىر قانۇن – نىزام ۋە بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ ‹‹يولغا قويۇش چارىسى›› ئېلان قىلىندى.

    سوئال: ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلغان قايسى زور قىلمىشلار جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ؟

    جاۋاب: ‹‹يولغا قويۇش چارىسى››دە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلغان ھەم بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقارغان ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلغان تۆۋەندىكى زور قىلمىشلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن: بىرىنچى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالغان ياكى سەۋەبسىز كېچىكتۈرگەن، ئىش ھەققى سوممىسى چوڭراق بولغان، چېتىلىدىغان ئادەم سانى ئوندىن ئارتۇق بولغان ياكى چېتىلىدىغان پۇل سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولغان؛ ئىش ھەققىنى بەرمەي جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلغان، قانۇن بويىچە ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنغان؛ ئىككىنچى، قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرمىغان، مائاش سوممىسى ياكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك ئىش ھەققى سوممىسىنى ۋە ياكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ سانىنى %30 تىن كۆپرەك يوشۇرۇپ مەلۇم قىلغان؛ ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ياكى ئالداپ ئېلىۋالغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان؛ تۆتىنچى، ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان، زىيانغا ئۇچرىغان ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارنىڭ سانى %5 تىن يۇقىرى بولغان؛ بەشىنچى، ئەمگەك ۋاقتى، دەم ئېلىش، ئوتپوسكا بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان، زىيانغا ئۇچرىغان ئىشىچى – خىزمەتچىلەر سانى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %30ىدىن يۇقىرى بولغان؛ ئالتىنچى، بالا ئىشچىلارنى ئىشلەتمەسلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان؛ يەتتىنچى، كەسىپكە تونۇشتۇرۇش ئورگانلىرى، كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئورگانلىرى، كەسپىي ماھارەتنى سىناش – بېكىتىش ئورگانلىرى ۋە ئەمگەكچى ئەۋەتكۈچى ئورۇنلاردىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگلىمىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ئىجازەتنامىسى قانۇن بويىچە ئىناۋەتسىز قىلىنغانلار؛ سەككىزىنچى، ئەمگەك كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ كەسىپكە تونۇشتۇرۇش، كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش، كەسپىي ماھارەتنى سىناش ۋە بېكىتىش ياكى ئەمگەكچى ئەۋەتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار؛ توققۇزىنچى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇغان بولسىمۇ، لېكىن تۈزەتمىگەن ياكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ئادا قىلمىغانلار؛ ئونىنچى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئەمگەك كاپالىتىنى تەكشۈرۈشىنى يولسىز رەت قىلغان ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلار؛ ئون بىرىنچى، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر قانۇن – نىزام، بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقەلەر، ئەسەبىي ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئېغىر، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان؛ ئون ئىككىنچى، ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپ باشقا قانۇنغا خىلاپ زور قىلمىشلار.

    سوئال: زور قىلمىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارنىڭ قايسى ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ؟

    جاۋاب: ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپ زور قىلمىشلارنى ئېلان قىلىشتا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ تولۇق نامى، بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى(ياكى تىزىملاتقان نومۇرى) شۇنىڭدەك تۇرۇشلۇق جايى؛ ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ياكى مەسئۇل كىشىسىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى؛ قانۇنغا خىلاپ ئاساسىي قىلمىشى؛ ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى شۇنىڭدەك شەخسنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرىغا چېتىلغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ.

    سوئال: ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلىش زور قىلمىشلىرى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا قارىتا يەنە قانداق تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ؟

    جاۋاب: بىرىنچى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش بىلەن بىللە، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئالاقىدار ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلارغا ئۇقتۇرىدۇ؛ ئىككىنچى، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش ئەھۋالى ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىناۋەت ئارخىپىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ ھەمدە باشقا تارماقلار ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن قانۇن – نىزام بويىچە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە بىرلىشىپ جازالاش يولغا قويۇلىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368548191