سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى پويىز بېلىتى 3-يانۋاردىن باشلاپ سېتىلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-28

    مۇخبىرنىڭ 25-دېكابىر كورلا ۋوگزالىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى پويىز بېلىتى 3-يانۋاردىن، ھارپا كۈنىنىڭ پويىز بېلىتى 17-يانۋاردىن باشلاپ سېتىلىدىكەن. ساياھەتچىلەر ئىنتېرنېت تورى، تېلېفون، ۋوگزال بېلەت سېتىش كۆزنىكى، شەھەر ئىچىدىكى پويىز بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرىدىن بېلەت سېتىۋالسا بولىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ھەريىلى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلى چاغاندىن بۇرۇنقى 15 كۈن، چاغاندىن كېيىن 25 كۈننى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، جەمئىي 40 كۈن ئىكەن. 2018-يىللىق چاغان 16-فېۋرال بولۇپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش ۋاقتى 1-فېۋرالدىن 12-مارتقىچە بولىدىكەن. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىش ۋاقتى 30 كۈن بولۇپ، 16-يانۋار 14-فېۋرالنىڭ پويىز بېلىتىنى، 17-يانۋار ھارپا كۈنىنىڭ پويىز بېلىتىنى، 18-يانۋار چاغاننىڭ 1-كۈنىنىڭ پويىز بېلىتىنى سېتىۋالغىلى بولدىكەن. كورلا ۋوگزالىنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكى ھەمدە شەھەر رايونىدىكى ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش نۇقتىسىدا ئىككى كۈن كېچىكىپ بېلەت سېتىلىدىكەن. 12-فېۋرالدىن 14-فېۋرالغىچە يولغا چىقىدىغان پويىزنىڭ بېلىتى ئەڭ جىددىي بولۇپ، يولۇچىلار 14-يانۋاردىن 16-يانۋارغىچە بېلەت سېتىۋالسا بولىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368548181