سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىرىدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 468 مىڭ ئادەم (قېتىم) گە يەتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-28

    مۇخبىرنىڭ 25-دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يولغا قويۇپ، كۆپ خىل يوللار بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىنى كۆپەيتكەچكە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. يىل بېشىدىن نويابىرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-بازارلىرىدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 468 مىڭ ئادەم (قېتىم) گە يەتكەن.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىل بېشىدىن نويابىرنىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 77 مىڭ 400 ئادەم (قېتىم) گە، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 89.6 كە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن 5.4 پىرسەنت پوئېنتى ئۆرلىگەن. بۇ بۇ يىل ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار %90 ىنىڭ خىزمەت تاپقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايون تارىخىدا رېكورد يارىتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، يىل بېشىدىن نويابىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىن تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىما سىياسىتىدىن بەھرىمان بولغانلار 941 مىڭ ئادەم (قېتىم) گە، ئەمەلىيلەشكەن تولۇقلىما مەبلەغ 3 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368548171