سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش››ئىسلاھاتىدا تېخىمۇ زورئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-28

    ئاپتونوم رايون مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنى ئاچتى

    ئاپتونوم رايون 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە قايتا سەپەرۋەرلىك قىلدى ۋە بۇ خىزمەتنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىدا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تېخىمۇ ئاددىي بولۇش، ئۈنۈم تېخىمۇ يۇقىرى بولۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش، مۇلازىمەت تېخىمۇ ئەلا بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، كارخانىلارنى ھەقىقىي ئەركىن قويۇۋېتىپ، ئىسلاھاتتىكى توسالغۇلارنى تازىلاپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرىدىن 817نى بىكار قىلىپ ۋە تەڭشەپ، 616 تۈرنى ئازايتتى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى ۋە ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسىغا چېتىلىدىغان كارخانىلارنىڭ تىجارەت، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تۈرىنى 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 111 تۈردىن 58 تۈرگە چۈشۈرۈپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسى تۈرىنى %70تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈپ، ئالدىن تەستىقلاش تۈرىنى %87تىن كۆپرەك ئازايتتى.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىكى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتى خىزمىتىگە ئائىت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قايتا ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹بەش ئۈچۈن›› تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوسۇغىنى تۆۋەنلىتىپ، ‹‹كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش›› ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ‹‹كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش›› ئىسلاھاتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئالاقە تورى+ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى››نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىزىملىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى بارلىق چارە – ئاماللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باجنى كېمەيتىپ چىقىمنى تۆۋەنلىتىشكە كۈچەپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، قۇرۇلمىلىق باج كېمەيتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش – باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەق ئېلىش مۇندەرىجىسى تىزىملىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. توسالغۇلارنى كۈچەپ تۈگىتىپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى قوزغىتىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى جانلاندۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەلىللەش قالايمىقان بولۇش ھادىسىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۆھلىتىنى ئەڭ چوڭ چەكتە قىسقارتىش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچەپ، ئادىل تىجارەت قىلىش شارائىتى يارىتىپ، ‹‹كىم تەستىقلىسا شۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، كىم مەسئۇل بولسا شۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش›› پىرىنسىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جازالاش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى كۈچەپ ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى، ئىش بېجىرىشى ئۈچۈن قولايلىقلارنى كۆپەيتىپ، ‹‹كىنىشكىنى ئازايتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش›› مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جامائەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھۆكۈمەت سىستېمىلىرى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارماقلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى، ئەمەلىي، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە سىياسەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماس، ھەمتۈرتكە خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹بىر ئىدارە، ئىككى مەركەز›› سۇپىسى قۇرۇلۇشى ۋە ‹‹ئالاقە تورى+ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى›› سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، ‹‹ئاممىنى ئازراق يول ماڭدۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتتىن كۆپرەك پايدىلىنىدىغان›› قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھۆكۈمەتنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش – ھەيدەكچىلىك قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، قەرەللىك مەخسۇس تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆزى قىلدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368548161