سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كەم–كوتسىز ياخشى ئىشلەش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-28

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، ئورگان پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت كۈچلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››ىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى ھەم 2018 – يىللىق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلدى ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ < ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش > بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت كۈچلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىدا ‹‹ئون يېڭى ۋەزىيەت››نى جاسارەت بىلەن يارىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ‹‹تۆت ئاڭ›› نى كۈچەيتىپ، ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەلىپى ۋە ۋەزىپىلەرنى كەم – كوتسىز ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ھۆرىگۈل جاپپار دەرھال قاغىلىق ناھىيەسىگە بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىگە ‹‹ئۇقتۇرۇش››نىڭ روھىنى يەتكۈزىدۇ. قىيىنچىلىقنى تەكىتلىمەي، شەرت قويماي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپ ۋە دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كەنتتە تۇرۇۋاتقان تايانچلار كەنتتە داۋاملىق قېلىپ، خىزمەتلەرنى مۇقىم ئۇدۇللاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2018 – يىللىق كەنتتە تۇرۇش خىزمەت لايىھەسىنى تېز تۈزۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تولۇق تەشۋىق قىلىپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا پائال ماسلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىشقا چاقىرىق قىلىپ، ئورگاننىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق كۈچلۈك خىزمەت ئەترىتىنى تەشكىللەش كېرەك.

    ۋاڭ يۇڭمىڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368548151