سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

27-دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدىكەن

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-27

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 27-دېكابىر چۈشتىن كېيىندىن 28-دېكابىر چۈشكىچە، ئۇرال تېغى جەنۇبىدىكى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا كۆرۈنەرلىك قار ياغىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەر رايونى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قېلىن قار يېغىش بىلەن بىرگە تۆت بال غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، داۋانچىڭ رايونىدا ئازراق قار يېغىپ بەش بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن.

    قار يېغىشى بىلەن، مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃15-، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا ℃18- بولىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368548281