سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-27

    شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر– ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئاساسىي تېما قىلىپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىن 26 – كۈنىگىچە دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئاساسىي تېما قىلىپ، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى››، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى››گە نۇقتىلىق سېلىشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىگە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىگە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چىڭ تۇتۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز – ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، پارتىيەۋىلىكنى تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

    يىغىندىن ئىلگىرى ئالاقىدار تەرەپلەر تەييارلىق قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن سىردىشىپ، سۆھبەتلىشىپ، ئاساسىي تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۆزلەش ماتېرىيالى تەييارلىدى. يىغىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىر – بىرلەپ سۆز قىلىپ، تەلەپ بويىچە ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چوڭقۇر تونۇش، سەمىمىي تەسىراتلىرىنى، كەسكىن ھەم ئاشكارا مەسىلە ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، كۈچنى مۇجەسسەملەش مەقسىتىگە يەتتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى، جەلپكارلىقى كۈچەيتىلدى.

    مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ سۆزىدە مۇنداق تۆت مۇھىم نۇقتا ئىگىلەندى ھەم نامايان قىلىندى. بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختىلاش، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككىنچى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش ئەھۋالى، پارتىيەگە ھەقىقىي سادىق، ساپ دىل بولۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، قائىدىنى تەكىتلەپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش؛ ئۈچىنچى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىگە باشلامچىلىق بىلەن ئەمەل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاش، يىغىن، پائالىيەت، ھۆججەت ۋە قىسقا خەۋەرلەرنى ئىخچاملاش، ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاش، تىرىشچان، ئىقتىسادچان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىيازغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ئىمتىيازلىق بولۇۋالماسلىق؛ تۆتىنچى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، باش چۆكۈرۈپ ئەمەلىي، جاپالىق ئىشلەپ، ئۆزى مەسئۇل خىزمەتنى ئاڭلىق ھالدا چىڭ ھەم پۇختا تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلار ئېنىق شەرھلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يېڭى سەھىپىنى داۋاملىق پۈتۈشىدىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىلەن مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەقىقىي پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىشتا ئۆزىنىڭ قەتئىي ئېتىقادى ۋە ئىشەنچى، روشەن خەلقچىللىق مەيدانى، ئاجايىپ سىياسىي ئەقىل – پاراسىتى، قەتئىي ئىرادىسى ۋە يۈكسەك خىسلىتى، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئاجايىپ سىياسىي سەنئىتىنى نامايان قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇشى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ رايى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەملەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيە ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شۇنداقلا ھازىرقى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، 21 – ئەسىردىكى ماركسىزم. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى تارىخىي پەللىدە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور رېئال ئەھمىيەتكە ھەم چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىكى يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنلار ۋە يېڭى قاراشلارنى، ئۇنىڭ سىياسىي، تارىخىي، نەزەرىيەۋى، ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى ئىگىلەپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزم سەۋىيەسى ۋە سىياسىي نەزەرىيە ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ سۆزىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش سۆزلىرىنى خۇلاسىلىدى ھەم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ‹‹بەلگىلىمە››، ‹‹يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى››نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك خەلقنى ئېلىپ ماڭغان جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ غايەت چوڭ پاراخوتقا يېڭى يۈرۈش بەلگىسى تىكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى سىگنالىنى چالدى. ياخشى تەدبىر، ياخشى پىلان تۈزۈلدى، مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى خىزمىتىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئاساسىي تېمىسى، شۇنداقلا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۆزىمىزگە، مەسئۇلىيىتىمىزگە، خىزمىتىمىزگە يۇغۇرۇپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا شەكىلۋازلىق قىلىشقا، قۇرۇق شوئار توۋلاشقا بولمايدۇ، ھەرىكەتكە كەلمىسەك تېخىمۇ بولمايدۇ، يىغىن ئېچىپ، ھۆججەت تارقىتىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى، ئىدىيەۋى لۇشيەنى، ئاممىۋى لۇشيەنىنىڭ تۈپ تەلىپى، شۇنداقلا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىكى ۋە نەتىجە قارىشىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگە. ئۇنى ھەقىقىي تۇتىدىغان كۈچ، تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان جاسارەت، تۇتۇشقا ماھىر بولىدىغان پەم – پاراسەت، دائىم تۇتىدىغان چىدامچانلىق، تاش – تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك غەيرەت بولۇش كېرەك. ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، جىددىيلىك ۋە مۇھىملىق دەرىجىسىنى پەرق ئېتىپ، سىياسەتنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى، ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك نىشان – ۋەزىپىلەرنى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ۋاقتىدا ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا بىرىنچى باشلىق ئاچقۇچ. شۇڭا ئۇلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، ئەڭ ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈشكە، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆزى مەسئۇل خىزمەتنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتە ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەنىڭ بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان تونۇشى ئىنتايىن سەگەك بولۇشى كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىدە پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش ئېلىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم تەجرىبە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پىشىپ يېتىلگەن ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇشتىكى مۇھىم پىرىنسىپى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئېنىق سىياسىي مىزان ۋە تۈپ سىياسىي تەلەپ قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك دەرىجىدە تونۇپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ھەرىكەت جەھەتتە يېقىندىن ئەگىشىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغدىشى كېرەك. بۇ كۆپچىلىكنىڭ پارتىيەۋىلىكىگە بولغان سىناق، شۇنداقلا تۈپ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسى جاھىللىق، قايتىلىنىشچانلىققا ئىگە، ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق پارتىيەمىزنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئېسىل ئىستىلى بىلەن زادى سىغىشالمايدۇ، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ چوڭ دۈشمىنى، خەلقنىڭ چوڭ دۈشمىنى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، باشتىن – ئاخىر سەمىمىي ئادەم بولۇپ، راست سۆزلەپ، سەمىمىي ئىش قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا ئاڭلىق قارشى تۇرۇشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلمايلا قالماي، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ تۈرلۈك ئىپادىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئۆزگىرىشچانلىقىنى تولۇق تونۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان تارماقلاردىكى ئوخشاش بولمىغان ئىپادىلىرىنى ئېنىق تونۇپ، كونكرېت ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەم كونا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، ھەم يېڭى مەسىلىلەرنى بايقىشى؛ ھەم ئاشكارا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، ھەم يوشۇرۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى؛ ھەم يۈزەكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، ھەم چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈمگە ئېرىشىشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ـــ پارتىيەمىزنىڭ ئەڭگۈشتەرى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي ماھارەت. پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ، قۇرۇق گەپ قىلماي، دەل جايىدا كۈچ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار خەلقنى ئۇستاز تۇتۇپ، خەلقتىن ئۆگىنىپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتماي، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاساسنى ئىگىلەپ، ئۆزى بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قەلبىنى بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى، زور خېيىم – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مەسىلىسىنى، ئىسلاھات، مۇقىملىق، تەرەققىيات مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالار ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان، ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئەڭ ئاغرىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشكە ھەقىقىي كۈچىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە بويىچە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئالدى بىلەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلاردىن باشلاش كېرەك. ئەمىلى قانچە يۇقىرى بولسا، خەلققە شۇنچە سادىق بولۇپ، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك. قانۇن، ئىنتىزامغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزىنى ئاڭلىق باشقۇرۇپ، پاك – تەلەپچان بولۇش جەھەتتە ئۈلگە بولغاندىلا، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالغىلى بولىدۇ. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار تارىخنى چۈشىنىپ، قائىدىنى بىلىپ، ئومۇم بىلەن شەخسنى ئارىلاشتۇرماي، ھەق – ناھەقنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلماي، ھەققانىيەت ۋە مەنپەئەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مېھىر – مۇھەببەت رىشتىنى چىڭىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن پاك – تەلەپچان بولۇشتىكى ‹‹فىليۇگېر››بولۇپ، پاك – دىيانەتلىك بولۇشتەك پارتىيە ئىستىلى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىجتىھات بىلەن قەلبنى تەكشۈرۈپ، روھنى پاكلاپ، قىممەت كوردىناتىنى توغرىلاپ، غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىشى كېرەك. سىياسىي ئىرادە، ئەخلاق ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان ئىدىيە توسمىسى بەرپا قىلىپ، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىشى كېرەك. ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئالاھىدە ئىمتىيازلىق بولۇۋېلىش خاھىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە قائىدىسى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىز كۈلپەت ئىچىدە بارلىققا كەلگەن، كۈلپەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، كۈلپەت ئىچىدە زورايغان پارتىيە. ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى كۈلپەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالغاچقا، جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىيەلىدى. ئېلىمىزنىڭ ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، لېكىن بىز ئىلگىرىلەش داۋامىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ – خەتەرمۇ ئاز ئەمەس. دۆلەت ئىچى – سىرتى مۇھىتىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، دۇچ كەلگەن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەردە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، تەرەققىيات باسقۇچى ۋە تەرەققىيات ۋەزىپىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، خىزمەت ئوبيېكتى ۋە خىزمەت شارائىتىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىگە بولغان تەلەپتىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ – خەتەرنى ئويلاپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، خەۋپ – خەتەرنى بىلىپ، خاتىرجەملىكنى كۆزلەپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خەۋپ – خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى پەسەيتىشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368548031