سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تاجىكىستاندا مال باھاسى %6.3 ئۆستى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-26

    تاجىكىستان مەركىزىي بانكىسى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىشىچە، نويابىردا تاجىكىستان ئىستېمال ساھەسىنىڭ پۇل پاخاللىشىشى %0.3 بولغان. دېكابىرنىڭ باشلىرىغىچە تاجىكىستاندا مال باھاسى %6.3 ئۆسكەن. يىللىق (يېقىنقى 12 ئاي) پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى %6.7 بولۇپ، مەركىزىي بانكىنىڭ ئوتتۇرا مۇددەتلىك نىشان سەۋىيەسىگە بارغانسېرى يېقىنلاشقان.

    تاجىكىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى بىرقانچە ئايدا بەزى زۆرۈر يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى سەل مۇقىم بولغان. مەركىزىي بانكا نىسبەتەن تۆۋەن بولغان پۇل پاخاللىشىش سەۋىيەسىنى «پۇل پاخاللىشىشنى تىزگىنلەشتىكى پۇل سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى» ۋە «مەملىكەت ئىچىدىكى تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ مۇقىملىقى» دىن بولغان، دەپ قارىغان.

    تاجىكىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى نىشان دائىرىسى (%7) ئىچىدە كونترول قىلىنغان.

    2016-يىلى تاجىكىستاننىڭ پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى %6.1 بولغان. يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە 2011-يىلى پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، %12.5 دىن ئېشىپ كەتكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368532981