سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى-چۆچەك-ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-26

    ئۈرۈمچى، چۆچەك، ئالتاي قاتارلىق جايلاردىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 23-دېكابىر تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يېڭىدىن ئاچقان ئۈرۈمچى-چۆچەك-ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى.

    ئىگىلىنىشىچە،ئۈرۈمچى-ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە ئايروپىلان ئۇچىدىغان بولۇپ، ئارىلىقتا چۆچەكتە توختايدىكەن. بېرىش لىنىيەسىدە GS7559 - قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 12:30دە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، سائەت 13:45دە چۆچەككە يېتىپ بېرىپ، 14:25دە چۆچەكتىن ئۇچۇپ، سائەت 15:20دە ئالتايغا يېتىپ بارىدىكەن. قايتىش مۇساپىسىدە GS7560-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 16:00دە ئالتايدىن ئۇچۇپ، سائەت 17:00دە چۆچەككە يېتىپ بارىدىكەن، سائەت 17:40دە چۆچەكتىن ئۇچۇپ، سائەت 19:00دە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368532001