سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 58–قېتىملىق دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-26

    ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 58 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنى 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى (شىنجاڭ) ئېنېرگىيە يىرىك پىلانى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە 13 – بەش يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى››، ‹‹شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش پىكرى (2017 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت – تەدبىرلەرنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى››، ‹‹شىنجاڭنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش لايىھەسى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى›› مۇھاكىمە قىلىندى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر قاتارلىق دۇنيا بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى مول توپلاشقان رايونلار بىلەن تۇتاشقان، ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيە بازىسى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار تارماقلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ئېچىش زاپاس ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى چوڭ تىپتىكى ئىلغار ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى ۋە ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ ماكانلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، تىرىشىپ ئاپتونوم رايونىمىزنى غەربىي شىمالغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېشىل يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشى؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت – تەدبىرلەرنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى›› نى تۈزۈپ، ئوتتۇرىغا قويۇپ، يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسى ئاجىز، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ياخشى بولماسلىق مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى تۈپتىن كۈچەيتىش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق تۈزۈم مۇھىتى ۋە ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش نىشانىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دۆلەتنىڭ سۇ بايلىقىنى قاتتىق باشقۇرۇشتىكى ‹‹ئۈچ قىزىل سىزىق›› نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ بايلىقىنى قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم ئاساس، بۇنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق جامائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونىمىزدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەبىئىي ئاپەت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى پەيدا قىلغان ھەر خىل تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرى پات – پات يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش ھەم تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدىشى كېرەك.

    يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368531911