سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-26

    ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى چۈشتىن كېيىن كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ < تۆت خاھىش > نى يەنىمۇ تۈزىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، < تۆت خاھىش > نى يەنىمۇ تۈزىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، < ئوننى ياخشىلاش >، < ئونغا يول قويماسلىق > توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› نى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېقىندا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى››نى ۋاقتىدا تۈزۈپ چىقتى، يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ يېڭى ئىپادىلىرىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك›› دېگەن ماقالە توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشتەك ئېنىق پوزىتسىيەسى ۋە مۇستەھكەم ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، < تۆت خاھىش > نى يەنىمۇ تۈزىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، <ئوننى ياخشىلاش>، <ئونغا يول قويماسلىق> توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات›› قا قەتئىي، كەسكىن قارشى تۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىر. دائىمىي كومىتېت ئورگىنىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ‹‹تۆت خاھىش›› نى داۋاملىق تۈزىتىشى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ›› نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي مەيدانىنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت خاھىش›› جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، يادرونى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرگىز ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› قىلماسلىق، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردىن بولماسلىق كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا شەكىلۋازلىق قىلماي، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەھۋالنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا، ئوبيېكتىپ ھەقىقىي ئىگىلەش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ۋەزىپە، تەلەپلەرگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات يارىتىش، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

    كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، مانەن زەينەل، ئەسقەر تۇرسۇن قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368531881