سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايون 1–نۆۋەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-26

    ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق–مۇقىملىققا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك

    ئاپتونوم رايوننىڭ 1 – نۆۋەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن 1 – نۆۋەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

    لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىي ئائىلىلەرنى تەقدىرلەش ئاپتونوم رايوننىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە كاتتا ئىش. مەدەنىي ئائىلىلەرنى باھالاش مەدەنىيلىك تارقىتىش جەريانى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانى، بۇ يىللىق مەدەنىي ئائىلىلەرنى تەقدىرلەشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئەخلاق تىرىكى ۋە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئائىلە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ئىجتىمائىي ئىناقلىق – مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ئۇل خىزمەت. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇمىي پىروگرامما قىلىپ، ئومۇمىي تەلەپنى پۇختا ئىگىلەپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈم يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

    ئائىلە ئىستىلى – ئائىلە تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش، تىرىشىپ باي بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش؛ ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇنغا بويسۇنۇش ۋە مىننەتدارلىق تەربىيەسىنى ياخشى بېرىش؛ مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، ‹‹دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى، كۆركەم ھويلا – ئاران قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىلغار تىپلار، رەھبىرىي كادىرلار، ئاممىۋى شەخسلەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، تاراتقۇلارنىڭ جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش، مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆزگىچە يېتەكلەش رولىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇش، ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىش كېرەك. جايلار، تارماقلار ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368531681