سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹2018–يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› نى بېسىپ تارقاتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‎ ‎‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-25

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹2018 – يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› نى بېسىپ تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

    2018 – يىللىق يېڭى يىل ۋە چاغان پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۇنجى يېڭى يىل ۋە چاغان، جايلار، تارماقلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ›› نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بايرام مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بايرامنى خۇشال – خۇرام ھەم ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللىشى بىلەن، ھازىر ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىندى:

    1. قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى چىن قەلبىدىن، چىن ھېسسىيات بىلەن كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەلقنى گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشقا يېتەكلەش پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان كۈرەش نىشانى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىنىڭ ھال – ئەھۋالىنى ھەرۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، ياردەم بېرىش – قۇتقۇزۇش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلارنى يۆلەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات رايون، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون، قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. پېنسىيەگە چىققان خادىملار ۋە شەھەر – يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ نەپىقە ياردەم پۇلى ئېتىبار سوممىسى ۋە يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتىنى ۋاقتىدا تولۇق سوممىدا تارقىتىپ، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر، مېيىپلەر ئائىلىلىرى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش تۈپەيلىدىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر قاتارلىقلارغا ياردەم بېرىش – قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما دۇچ كەلگەن تاسادىپىي، جىددىي، ۋاقىتلىق ئاساسىي تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان، مۇقىم تۇرالغۇسى يوق، كوچىلاردا تەمتىرەپ يۈرگەن تۇرمۇشتا پاناھسىز كىشىلەرنى ۋاقتىدا پاناھلاندۇرۇشى كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئۆرۈلگەن، بۇزۇلغان ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قايتا قۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. قارانچۇقسىز ياشانغانلار ۋە يېتىم، مېيىپ، تاشلىۋېتىلگەن بالىلار، يېزىلاردىكى ئامانەت بالىلار، قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش، يۆلەش ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، نېسى قالغان ئىش ھەققىنى تارقىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىش ھەققىنى قەستەن نېسى قالدۇرۇش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، يىل بويى جاپا چېكىپ ئىشلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئېلىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شىمالىي قىسىمدىكى قىسمەن ‹‹كۆمۈر قالاش مەنئى قىلىنغان›› رايونلارنىڭ ئىسسىنىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    2. بايرام مەزگىلىدە بازارنىڭ تەمىنلەش ۋە نورمال ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بازار مېخانىزمىنىڭ تەڭشەش ۋە مەمۇرىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، كۆكتات، سۈت قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كۆمۈر، توك، نېفىت، گاز يەتكۈزۈش جەھەتتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ جىپسىلىشىشىنى ياخشى ئىشلەپ، داۋالاش، قاتناش، ساياھەت، سودا – پارچە سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازار تەرتىپىنى قوغداپ، مال باھاسىنىڭ ئاساسەن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. يېمەكلىك – دورا بىخەتەرلىك خەۋپىنى بىر – بىرلەپ تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تۈزەشنى كۈچەيتىپ، رايون خاراكتېرلىك، سىستېمىلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى يۈز بېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تاۋار ۋە مۇلازىمەت ماركېتىڭ پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، توردا مەركەزلىك سېتىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ناتوغرا رىقابەت، ساختا، ناچار تاۋارلارنى سېتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.

    3. ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش كېرەك. كۆپ خىل شەكىل ۋە ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئائىلىلەرگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، نامراتلارنى يۆلەش، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىنى يوقلاش قاتارلىق پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشى كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى مەركەزلىك ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇيىمىز›› ــــ مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش، ‹‹ئاساسىي قاتلامغا خۇشاللىق يەتكۈزۈش›› قاتارلىق ئاساسىي تېمىدىكى مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەترەتلىرىنى نامرات ناھىيە، يېزىلارغا بېرىپ، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئۆرپ – ئادەت قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بايراملىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىش كېرەك. ‹‹شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش›› خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، چاكىنا، ناچار ئىستىللارنى قەتئىي توسۇپ، بايراملىق مەدەنىيەت بازارلىرىنى ساپلاشتۇرۇش كېرەك. ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىپ، ساياھەت بازارلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي ساياھەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ساياھەت سۈپىتى ۋە ساياھەت تەسىرىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

    4. چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەش كېرەك. چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، توشۇش كۈچى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى قاتارلىقلارنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقالىشىغا، ياخشى سەپەر قىلالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چاغانلىق يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يولۇچىلار ئېقىمىنى كۆزىتىش ۋە ئۇچۇر ئېلان قىلىشنى كۈچەيتىپ، بېلەت سېتىشنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، توردا بېلەت سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەمچىلەر، ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق توپنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش، پويىز، ئاپتوموبىل، كېمىگە ئولتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش كېرەك. ناچار ھاۋا رايى، يولۇچىلار تۇرۇپ قېلىش قاتارلىق تاسادىپىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چاغانلىق يولۇچى توشۇش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قاتناش بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    5. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش ۋە تارماقلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كۆمۈر كان، كۆمۈر كاندىن باشقا كانلار، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمى، پوجاڭزا – ساليۇت، قۇرۇلۇش ئىش ئورنى، سۇ، توك، گاز، پار، ئاپتوموبىل، پاراخوت، پورت، بېكەت قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ ساھەسىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈزەشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلار، ئاسان ئوت ئالىدىغان ۋە ئاسان پارتلايدىغان سورۇنلار، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور ۋە پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش – تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قىستاڭچىلىق، دەسسىلىش قاتارلىق تالاپەت پەيدا قىلىدىغان ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى چوڭ تەكشۈرۈشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ، دوختۇرخانا، مېھمانخانا، رېستوران، سودا ساراي – بازار، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى، ئېگىز ئىمارەتلەر، يەر ئاستى قۇرۇلۇشلىرى، كونا تۇرالغۇلار، ئىجارە ئۆيلەر قاتارلىقلارنىڭ ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش – تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوت ئاپىتى ھادىسىلىرى يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاممىۋى تازىلىقنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تارقىلىشچان زۇكام، H7N9 قاتارلىق تاسادىپىي ئاممىۋى تازىلىق ھادىسىلىرىنى ئۈنۈملۈك كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش كېرەك. يامغۇر، قار، مۇز، ئۈششۈك، سوغۇق ئېقىم قاتارلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايى ۋە ئېغىر بۇلغانغان ھاۋا رايىنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

    6. جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى كۈچەپ قوغداش كېرەك. جەمئىيەتتىكى زىددىيەت، ماجىرالارنى تەكشۈرۈپ ھەل قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش، يەر ئېلىش، كۆچۈرۈش – چېقىش، ئىش ھەققى ۋە قەرز سۈيلەش، داۋالىنىش ماجىراسى، مەبلەغ سېلىش – مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، كەسىپ ئالماشقانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان زىددىيەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، ئەرزىيەت مەسىلىسىنى ۋاقتىدا، ئۆز جايىدىلا ھەل قىلىپ، تۈرلۈك ئاممىۋى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامانلىقنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، قورال، پارتلىتىش، قىمار، زەھەر، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق قىلىش، قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاش، شاخلىتىپ سېتىش، تېلېگراف ۋە تور ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا چېقىلىش قاتارلىق قانۇنسىز جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، مۇشتۇمزورلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزىلارنىڭ ئامانلىقى قالايمىقان بولۇش مەسىلىسىنى تەرتىپكە سېلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر خىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ تېررورلۇققا چېتىلىدىغان بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

    7. ئىقتىسادچىل، مەدەنىي بايرام ئۆتكۈزۈش يېڭى ئىستىلىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى، شۇنداقلا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر جەم بولۇشتەك جۇڭگونىڭ چاغان مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەقلىي، مەدەنىي، ساغلام ئىستېمال قارىشى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، كىشىلەرنى ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇشقا، ناچار ئۆرپ – ئادەتنى ئۆزگەرتىشكە، تۆي – تۆكۈنلەردە ھەشەمەتچىلىك قىلىش، بۇزۇپ – چېچىپ ئىسراپچىلىق قىلىش قاتارلىق ناچار كەيپىياتقا ئاڭلىق قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. مالىيە – ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، يىل ئاخىرىدا شىددەت بىلەن پۇل خەجلەشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قوشۇمچە ياردەم پۇلى، تولۇقلىما، مۇكاپات ۋە ماددىي بۇيۇم تارقىتىشنى قاتتىق چەكلەپ، مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ ئارقىلىق يىللىق يىغىن، تىجارەت خاراكتېرلىك ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. پارتىيە – گۇرۇھلار، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتىنى ئىقتىسادچىللىق بىلەن ياخشى تەشكىللەپ، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بەلگىلىمە بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان نورمال پاراۋانلىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، يىل ئاخىرىدا تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار، شۇنداقلا قىسىمدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، پېشقەدەم جەڭچىلەر، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ئىچىدىكى قىيىنچىلىقى بار خادىملار، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يوقلاش، ھال سوراش پائالىيىتىنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇش كېرەك. خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بولۇپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

    8. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشىلاپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىپ، بولۇپمۇ ئىپادە بىلدۈرۈش كۆپ بولۇش، ھەرىكىتى ئاز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچار بولۇش قاتارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى كۈچەپ چەكلىشى كېرەك؛ پاك – تەلەپچان بولۇش قائىدىلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، ‹‹بايرامدا چىرىكلىشىش››نى قەتئىي توسۇپ، ئالاھىدە ھوقۇق ئىدىيەسى ۋە ئالاھىدە ھوقۇق ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. قائىدىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىش، ساياھەت قىلىش ۋە يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا مال سېتىۋېلىش، يېڭى يىللىق تەبرىك كارتىسى، پوجاڭزا – ساليۇت قاتارلىق بايراملىق ماللارنى سوۋغا قىلىش، قائىدىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىقلارنى ئېلىش، ھەدىيە قىلىش، توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ ئىشلىرىنى قائىدىگە خىلاپ ئۆتكۈزۈش ياكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بايلىق شىلىۋېلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش ياكى ‹‹شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن بېقىش››، قائىدىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي سورۇنغا كىرىپ – چىقىش، قائىدىگە خىلاپ ھالدا يۇرتداشلار يىغىلىشى، مەكتەپداشلار يىغىلىشى، سەپداشلار يىغىلىشىغا قاتنىشىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. ‹‹تۆت خاھىش›› يېڭى شەپىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يوشۇرۇن، شەكلى ئۆزگەرگەن قائىدىگە خىلاپ مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق تۈزەش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىدىكى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، قائىدە، ئىنتىزامغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تېزدىن بىر تەرەپ قىلىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى ئىسمىنى ئاتاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش كېرەك. نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزام تەلىپىنى چىڭىتىپ، يېڭى يىل، چاغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئاۋاز توپلاش، پارا بېرىپ سايلىنىش، ئارىغا ئادەم قويۇش، سەمىگە سېلىپ قويۇش، ئەمەل كويىدا قاتراش، ئەمەل سودىسى قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستىلى پاك، كەيپىياتى توغرا بولغان نۆۋەت ئالمىشىش مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

    9. نۆۋەتچىلىك قىلىش، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلەر سىرتقا چىقىشنى مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، 24 سائەت مەخسۇس ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن نۆۋەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بايرام مەزگىلىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نورمال، تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاسادىپىي ۋەقە ياكى جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، دەرھال يوليورۇق سوراپ، دوكلات قىلىپ ھەم ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت مۇداپىئە، دوختۇرخانا، بانكا، سۇ، پار، توك، گاز بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئاممىغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورۇنلار بايرامدا نۆۋەتچىلىك قىلىشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    جايلار، تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368510951