سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى›› نى بېسىپ تارقاتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‎ ‎‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-25

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى››نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

    ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى››نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

    ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمى ـــ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سالغان جاۋابكارغا ئېغىر تۆلەم تۆلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2015 – يىلى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى››نى بېسىپ تارقىتىپ (مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان [2015] 57 – نومۇرلۇق)، جىلىن قاتارلىق يەتتە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. پۈتۈن مەملىكەتتە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورنىتىش ئۈچۈن، جايلارنىڭ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەمەلىيەت تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا بۇ لايىھە تۈزۈلدى.

    بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ ۋە نىشان

    ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى پۈتۈن مەملىكەتتە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنىڭ تۆلەم دائىرىسى، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى، تۆلەم سۇبيېكتى، زىيان تۆلىمىنى ھەل قىلىش يولى قاتارلىقلار يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مۇناسىپ بېكىتىش، باھالاش، باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا سىستېمىسى، مەبلەغ كاپالىتى ۋە مەشغۇلات مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۆلەم تۈزۈمى تەدرىجىي ئورنىتىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

    2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ. 2020 – يىلىغا بارغاندا، مەسئۇلىيەت ئېنىق، يول راۋان، تېخنىكىسى ئۆلچەملەشكەن، كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە، تۆلەم نەقلەشتۈرۈلىدىغان، ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمى پۈتۈن مەملىكەتتە دەسلەپكى قەدەمدە تىرىشىپ ئورنىتىلىدۇ.

    ئىككىنچى، خىزمەت پىرىنسىپى

    ـــ قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئالاقىدار قانۇن – نىزام، بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالى ۋە رايون ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى ئاسانلىق – قىيىنلىق دەرىجىسى بويىچە مۇقىم، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلىدۇ. قانۇندا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان كونكرېت مەسىلىگە نىسبەتەن، ئېھتىياجغا ئاساسەن سىياسەت ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە قانۇن چىقىرىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

    ـــ مۇھىت باھالىنىدۇ، زىيان ئۈستىگە ئېلىنىدۇ. مۇھىت بايلىقى ئېكولوگىيەسىنىڭ فۇنكسىيەلىك قىممىتى نامايان قىلىنىپ، تۆلەم تۆلىگۈچىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغانلىرىغا پۇل تۆلىتىلىپ، بۇ پۇل زىيانغا ئۇچرىغان مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. تۆلەم تۆلىگۈچىنىڭ ئوخشاش بىر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سېلىش ھەرىكىتى سەۋەبىدىن مەمۇرىي جاۋابكارلىقنى ياكى جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى زۆرۈر بولسا، بۇ، ئۇنىڭ قانۇن بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

    ـــ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭىشىدۇ، ئەدلىيە جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، تۆلەم تۆلەتكۈچى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تەكشۈرۈش، بېكىتىش، باھالاش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تۆلەم تۆلىگۈچى بىلەن ئاكتىپ كېڭىشىدۇ. كېڭىشىشتە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىسا، تۆلەم تۆلەتكۈچى قانۇن بويىچە ئەرز قىلسا بولىدۇ.

    ـــ ئۇچۇردىن ھەمبەھرە قىلىنىدۇ، ئامما نازارەت قىلىدۇ. ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ، ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم ئۇچۇرىدىن ھەمبەھرىلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تەكشۈرۈش، بېكىتىش، باھالاش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەردىكى جامائەت مەنپەئىتىگە چېتىشلىق مۇھىم ئىش تۈرلىرىنى جەزمەن جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك، شۇنداقلا مۇتەخەسسىسلەر، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقىلارنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش كېرەك.

    ئۈچىنچى، تەدبىقلاش دائىرىسى

    بۇ لايىھەدە ئېيتىلغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى بولسا مۇھىتنى بۇلغاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاتموسفېرا، يەر ئۈستى سۈيى، يەر ئاستى سۈيى، تۇپراق، ئورمان قاتارلىق مۇھىت ئامىلى ۋە ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، مىكرو جانلىق قاتارلىق بىئولوگىيەلىك ئامىللارنىڭ پايدىسىز ئۆزگىرىشى، شۇنىڭدەك يۇقىرىدىكى ئامىللار سەۋەبىدىن ئېكولوگىيەلىك سىستېما فۇنكسىيەسىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ.

    1. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بۇ لايىھەگە ئاساسەن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ:(1) بىر قەدەر چوڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تاسادىپىي مۇھىت ھادىسىسى يۈز بەرسە؛(2) دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ پىلانىدا بېكىتىلگەن نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەلىك رايون، ئېچىش چەكلەنگەن رايوندا مۇھىت بۇلغىنىش، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھادىسىسى يۈز بەرسە؛(3) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارسا. جايلار ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، مۇھىت بۇلغىنىش، ئېكولوگىيەنىڭ زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسى ھەم ئىجتىمائىي تەسىرى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال نەزەرگە ئېلىپ، كونكرېت ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

    2. بۇ لايىھە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا ماس كەلمەيدۇ:(1) جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملىنىش، شەخس ۋە كوللېكتىپ مال – مۈلكى زىيانغا ئۇچراپ، تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چېتىلىدىغانلىرىنى ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى قاتارلىق قانۇن بەلگىلىمىسىگە تەدبىقلاش كېرەك؛(2) دېڭىز – ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمىگە چېتىلىدىغانلىرىنى دېڭىز – ئوكيان مۇھىت ئاسراش قانۇنى قاتارلىق قانۇن ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە تەدبىقلاش كېرەك.

    تۆتىنچى، خىزمەت مەزمۇنى

    1. تۆلەم دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم دائىرىسى بۇلغىنىشنى تۈگىتىش خىراجىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدىكى مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنىڭ زىيىنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت فۇنكسىيەسىنىڭ مەڭگۈلۈك زىيانغا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان زىيان، شۇنىڭدەك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمىنى تەكشۈرۈش، بېكىتىش، باھالاش قاتارلىق مۇۋاپىق خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جايلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۆلەم دائىرىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. جايلارنىڭ مۇھىت ساقلىقى زىيىنى تۆلىمى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئاساسىدا تەتقىقات ۋە ئەمەلىيەتنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

    2. تۆلەم تۆلىگۈچى بېكىتىلىدۇ. قانۇن – نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سالغان ئورۇن ياكى شەخس جەزمەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تېگىشلىك تۆلەم تۆلىشى كېرەك. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەق تەلەپ قانۇنى ۋە بايلىق مۇھىت ئاسراش قانۇنىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى يېنىكلىتىش بەلگىلەنگەنلىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. جايلار ئېھتىياجغا ئاساسەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمى تۆلىگۈچىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش توغرىسىدا پىكرىنى بېرىدۇ.

    3. تۆلەم تۆلەتكۈچى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئۆلكە دەرىجىلىك، شەھەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر (بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر تەۋەلىكىدىكى رايون، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) مەزكۇر مەمۇرىي رايوندىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلەتكۈچى بولىدۇ. ئۆلكە دائىرىسىدىكى شەھەر، ۋىلايەت ھالقىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛ باشقا خىزمەت دائىرىسىنى ئايرىشنى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك، شەھەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئالاقىدار تارماق ياكى ئاپپاراتلارنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىش كونكرېت خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىپ بېكىتىدۇ؛ ئۆلكە دەرىجىلىك، شەھەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇلار بېكىتكەن تارماق ياكى ئاپپاراتلارنىڭ ھەممىسى ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۆلكە ھالقىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيانغا ئۇچرىغان جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىش خىزمىتىنى كېڭىشىپ قانات يايدۇرىدۇ.

    دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش رايونىدا، ھاۋالە قىلىنغان ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ئىگىدارلىرى مەسئۇل بولغان تارماقلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمى كونكرېت خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشىنى بىر تۇتاش يۈرگۈزسە بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەن بىۋاسىتە يۈرگۈزگەن ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى بۇ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈش ھاۋالە قىلىنغان تارماقلار تۆلەم تۆلەتكۈچى سۈپىتىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم خىزمىتىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

    ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ھۆكۈمەتلىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمىنى يولغا قويۇشنىڭ شەرتى، بېكىتىش، باھالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تاللاپ بېكىتىش تەرتىپى، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش قاتارلىق خىزمەت بەلگىلىمىلىرىنى تۈزۈپ، زېمىن بايلىقى، مۇھىت ئاسراش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى، سۇچىلىق، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىغا تۆلەم بېرىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تۆلەم تۆلەتكۈچى ۋە بەلگىلەنگەن ئالاقىدار تارماق ياكى ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەم خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ تۆلىتىش خىزمىتى جەريانىدا ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن، ئىنتىزام بويىچە سۈرۈشتۈرۈشى؛ جىنايەتكە چېتىلىدىغانلىرىنى ئەدلىيە ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

    پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار پاش قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمى تەلەپ قىلغان بولسا، تۆلەم تۆلەتكۈچى ۋە بەلگىلەنگەن تارماق ياكى ئاپپاراتلار ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشى ۋە جاۋاب بېرىشى كېرەك.

    4. تۆلەم بېرىش كېڭىشىشى قانات يايدۇرۇلىدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى تۆلەم بېرىشكە توغرا كەلسە، تۆلەم تۆلەتكۈچى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى بېكىتىش، باھالاش دوكلاتىغا ئاساسەن زىيان يەتكۈزگەنلىك پاكىتى ۋە زىياننىڭ دەرىجىسى، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يولغا قويۇش ۋاقتى ۋە قەرەلى، تۆلەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش شەكلى ۋە قەرەلى قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەرنى تۆلەم تۆلىگۈچى بىلەن كېڭىشىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسىنىڭ تېخنىكىلىق مۇمكىنچىلىكى، تەننەرخ ئۈنۈمىنى ئەلالاشتۇرۇش، تۆلەم تۆلىگۈچىنىڭ تۆلەش ئىقتىدارى، 3 – تەرەپنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، تۆلەم بېرىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىدۇ. ھاسىل قىلىنغان تۆلەم بېرىش كېلىشىمىدە ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەدلىيەلىك بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەدلىيەلىك بېكىتىش ئارقىلىق تۆلەم بېرىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، تۆلەم تۆلىگۈچى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى تولۇق ئادا قىلمىسا، تۆلەم تۆلەتكۈچى ۋە بېكىتىلگەن تارماق ياكى ئاپپاراتلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. كېڭىشىش ئارقىلىق بىرلىككە كېلەلمىسە، تۆلەم تۆلەتكۈچى ۋە بېكىتىلگەن تارماق ياكى ئاپپاراتلار دەل ۋاقتىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمى ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.

    5. تۆلەم دەۋاسى قائىدىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. جايلاردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھازىر بار بولغان بايلىقلارغا تايىنىپ، مۇھىت بايلىقى سوت كوللېگىيەسى ياكى بەلگىلەنگەن مەخسۇس سوت كوللېگىيەسى ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمى ھەق تەلەپ دېلوسىغا قاراپ چىقىشى؛ تۆلەم تۆلىگۈچىنىڭ سۇبيېكتىپ خاتالىقى، تىجارەت ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللىرىغا ئاساسەن مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، مەجبۇرىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

    جايلاردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دەۋادىن ئىلگىرىكى دەلىل – ئىسپاتلارنى تولۇق ساقلاش، ئالدىن ئىجرا قىلىش، ئىجرا نازارەتچىلىكى قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇزاكىرە قىلىشى؛ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمى دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن چىقىرىش ۋە ئەدلىيەلىك ئىزاھات تۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاپپارات ۋە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمى دەۋاسىنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.

    ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمى بىلەن مۇھىت جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى ئوتتۇرىسىدىكى جىپسىلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كېڭىشىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن يېتەكچى پىكىر تۈزۈپ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

    6. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە زىيان تۆلىمى ئىجراسى ۋە نازارەتچىلىكى كۈچەيتىلىدۇ. تۆلەم تۆلەتكۈچى ۋە بەلگىلەنگەن تارماق ياكى ئاپپاراتلار كېڭەشكەندىن ياكى دەۋا قىلغاندىن كېيىنكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمىنى باھالاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم پۇلىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

    7. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى باھالاش ئۆلچەملەشتۈرۈلىدۇ. جايلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى باھالاپ بېكىتىش كەسپىي كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسپىي باھالاش قوشۇنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، باھالاش ئىقتىدارىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. باھالاشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بىلەن خىزمەت تەرتىپىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى باھالاشنى مۇستەقىل قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى ھەم ئەدلىيەلىك تەرتىپكە ياخشى جىپسىلاشتۇرۇشى كېرەك. كېڭىشىشنى باھالاش پىكرى بىلەن تەمىنلەيدىغان باھالاش ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى؛ دەۋانى باھالاش پىكرى بىلەن تەمىنلەيدىغان باھالاش ئاپپاراتى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە، قائىدىلىرىگە بويسۇنۇشى كېرەك.

    8. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم مەبلىغىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. كېڭىشىش ياكى دەۋا ئارقىلىق تۆلەم تۆلىگۈچى بېكىتىلگەن ئەھۋالدا، تۆلەم تۆلىگۈچى كېڭىشىش ياكى ھۆكۈمنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. تۆلەم تۆلىگۈچىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارى بولمىسا، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان 3 – تەرەپكە ھاۋالە قىلىنسا بولىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەبلىغىنى تۆلەم تۆلىگۈچى ۋاكالىتەن بېجىرگۈچى 3 – تەرەپكە تۆلەيدۇ. تۆلەم تۆلىگۈچى ئۆزى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ياكى ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئەھۋالدا، تۆلەم تۆلەتكۈچىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تەكشۈرۈش، بېكىتىش، باھالاش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمىنى باھالاش قاتارلىق خىزمەت خىراجەتلىرىنى تۆلەم تۆلىگۈچى ئۈستىگە ئالىدۇ.تۆلەم تۆلىگۈچى سەۋەبىدىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغاندا، تۆلەم مەبلىغى ھۆكۈمەتنىڭ باجدىن باشقا كىرىمى سۈپىتىدە تەڭ دەرىجىلىك دۆلەت خەزىنىسىگە تولۇق تاپشۇرۇلۇپ، خامچوتقا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇلىدۇ. تۆلەم تۆلەتكۈچى ۋە بەلگىلەنگەن تارماق، ئاپپاراتلار كېڭىشىش ياكى ھۆكۈمنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يېتىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ۋاكالىتەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ.

    بەشىنچى، كاپالەت تەدبىرلىرى

    1. ئىسلاھ قىلىش مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك، شەھەر(ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق)لىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى، ئۆز جايلىرىدا يولغا قويۇش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، ئىسلاھ قىلىش ۋەزىپىسى ۋە مۇددەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دادىل ئىزدىنىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك ھۆكۈمەتلەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ۋىلايەت دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بېكىتكەن تارماق ياكى ئاپپاراتلار ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم خىزمىتىگە مەخسۇس مەسئۇل بولۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان تارماقلار ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشى كېرەك.

    جىلىن، جياڭسۇ، شەندۇڭ، خۇنەن، چۇڭچىڭ، گۇيجۇ، يۈننەندىن ئىبارەت نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان يەتتە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ سىناق قىلىش مەزگىلىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەھۋالىغا ۋە مەزكۇر لايىھە تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرسە بولىدۇ.

    ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئىسلاھاتنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش جەريانىدا تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، ئالاقىدار تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. 2019 – يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 3 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئۆتكەن يىلدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىغا يوللىنىدۇ، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى خۇلاسىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، گوۋۇيۈەنگە دوكلات قىلىدۇ.

    2. كەسپىي يېتەكچىلىك كۈچەيتىلىدۇ. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تەكشۈرۈش، بېكىتىش، باھالاش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسى تۈزۈش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمىنى باھالاش قاتارلىق كەسپىي خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك سوت قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنىڭ تۆلەم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى ئەدلىيەلىك باھالاشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم مەبلىغىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ مۇھىت، ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ ياكى يەرلىكنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇھىت ۋە ساغلاملىق ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈشى بىلەن خەۋپ – خەتەرنى باھالاشنى كۈچەيتىدۇ.

    3. تېخنىكا سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ. دۆلەت مۇكەممەل، بىرلىككە كەلگەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى بېكىتىش، باھالاش تېخنىكا ئۆلچىمى سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى بېكىتىش، باھالاش تېخنىكا ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ۋە تېخنىكا ئومۇمىي پىروگراممىسىنى تۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى بېكىتىش، باھالاش مەخسۇس تېخنىكا ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ياكى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ؛ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى بېكىتىش، باھالاشقا مۇلازىمەت قىلىدىغان سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ئاساسىي لىنىيەنى بېكىتىش، سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىنى بېكىتىش، زىيان سوممىسىنى مىقدارلاشتۇرۇش قاتارلىق زىياننى بېكىتىش مۇھىم ھالقىلىرىغا قارىتا، ھالقىلىق تېخنىكا ۋە ئۆلچەم تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشكە تەشكىللەيدۇ.

    4. خىراجەتكە ياخشى كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىگە زۆرۈر خىراجەتنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە ئورۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

    5. ئاممىنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئاممىنىڭ قاتنىشىش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلىپ، مۇتەخەسسىسلەر، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى تۆلەمنى كېڭىشىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تەكشۈرۈش، بېكىتىش، باھالاش، تۆلەم بېرىش، دەۋا ھۆكۈم – كېسىم ھۆججەتلىرى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۈنۈم دوكلاتى قاتارلىق ئۇچۇرلار قانۇن بويىچە ئاشكارىلىنىپ، ئاممىنىڭ بىلىش ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

    ئالتىنچى، باشقا ئىشلار

    2015 – يىلى بېسىپ تارقىتىلغان ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى›› 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ بىكار قىلىنىدۇ.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368510891