سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگو-تايلاند تۆمۈر يول ھەمكارلىق تۈرىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-25

    21-دېكابىر، تايلاند زۇڭلىسى پىرايۈ (سولدىن 3-كىشى)، جۇڭگو - تايلاند تۆمۈر يول ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ تاۋ (سولدىن 2-كىشى) قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار بىلەن تايلاندنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى راتچاشىما مەھكىمىسى باچوڭ ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-تايلاند تۆمۈر يول ھەمكارلىق تۈرى 1-قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمدا ئۇل سالماقتا.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو-تايلاند تۆمۈر يول ھەمكارلىق تۈرى 1-قارار قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى 21-دېكابىر راتچاشىما مەھكىمىسى باچوڭ ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۇەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. تايلاند زۇڭلىسى پىرايۈ نەق مەيداندا سۆز قىلدى. جۇڭگو-تايلاند تۆمۈر يول ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتى جۇڭگو تەرەپ رەئىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ تاۋ، جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇجيەن، تايلاند قاتناش مىنىستىرى ئانول، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئانۇپوڭ ۋە تايلاند ھۆكۈمەت تارماقلىرى، تۆمۈر يول باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئالاقىدار كارخانا، تاراتقۇلاردىن بولۇپ 400گە يېقىن ئادەم ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368510811