سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بېيجىڭ ئۇسسۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن 30 يىلدىن بۇيانقى نادىر ئەسەرلەر قايتا ئورۇندالدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-25

    بېيجىڭ شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، بېيجىڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى ۋە بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنستىتۇتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن « يېڭى زاماندا بىرگە ئۇسسۇلغا چۈشەيلى، بېيجىڭ ئۇسسۇل مۇسابىقىسى 30 يىللىق كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىقلار ۋە مۇنەۋۋەر نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى» 24-دېكابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە مەركەزلىك ھالدا بېيجىڭ ئۇسسۇل مۇسابىقىسى تەسىس قىلىنغان 30 يىلدىن بۇيان مەيدانغا چىققان كىلاسسىك ئەسەرلەر نامايان قىلىندى.

    ئىگىلىنىشىچە، 1983-يىلى تەسىس قىلىنغان بېيجىڭ ئۇسسۇل مۇسابىقىسى پايتەخت سەنئەت تۈرىدىكى كوزۇر پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بېيجىڭ ئۇسسۇل مۇسابىقىسى پايتەخت شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت ئۇسسۇل ساھەسى ئۈچۈن نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى روياپقا كەلتۈرۈپ، بىر تۈركۈم تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرگەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368510711