سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتى كۆپەيتىلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-25

    چىڭفېڭ سۆڭەك كېسەللىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتىنىڭ يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتلىرىنىڭ سانى 31 گە يەتتى، بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 120 جىددىي قۇتقۇزۇش تورىنىڭ يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، 120 مۇلازىمىتىنىڭ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا پۈتۈنلەي قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

    نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى سۇلۇقساي شىپاخانىسى، ئېقىندالا مەركىزىي شىپاخانىسى، يۇڭفېڭ يېزىسى شىپاخانىسى، داۋانچىڭ رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ھەمدە بۇنىڭدىن بۇرۇن توختىتىلغان شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيە دوختۇرخانىسى قاتارلىقلار 120 جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 26 جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتىنى قوشقاندا، مەركىزىي شەھەردىكى جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتلىرىنىڭ سانى 31 گە يەتكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368510581