سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسى خەلقئارا ئايرودۇرۇم بېكىتى جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنماقتا

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-25

    ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسى خەلقئارا ئايرودۇرۇم بېكىتىنىڭ زىننەتلىنىش ئۇسلۇبى تەڭرىتاغ قارلەيلىسىنى ئۆرنەك قىلغان بولۇپ، ھۆپپىدە ئېچىلغان قارلەيلىسى مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىشقا سىموۋلى قىلىنغان.

    مۇخبىر 22-دېكابىر مېترو 1-لىنىيەسى خەلقئارا ئايرودۇرۇم بېكىتىدە ئۈرۈمچى كۆزنىكى ـــ خەلقئارا ئايرودۇرۇم بېكىتىنىڭ يەرئاستى ئۈچ قەۋەتكە ئايرىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە يەر يۈزىگە تاش ياتقۇزۇلۇپ، ئىشچىلارنىڭ تام يۈزى ۋە تورۇس قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. خەلقئارا ئايرودۇرۇم بېكىتى T2 ئايروپىلان بىناسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولۇپ، نۆۋەتتە بېكەت زالى قەۋىتىنىڭ %50 ى زىننەتلىنىپ بولغان.

    ئىگىلىنىشىچە، مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 27.6 كىلومېتىر بولۇپ، ئۈچتاشتىن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغىچە تۇتىشىدىكەن. بۇ يىل دېكابىردا مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ شىمالىي بۆلىكى (سەككىز قەۋەتتىن خەلقئارا ئايرودۇرۇمغىچە)رەسمىي ھالدا تەڭشەپ سىناق قىلىش ۋە سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاش باسقۇچىغا قەدەم قويغان بولۇپ، 2018-يىلى 6-ئايدا بۇ بۆلەكتە سىناق تىجارەت باشلىنىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368510561