سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، چارشەنبە ئازراق قار ياغىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-25

    ئالدىنقى ھەپتىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يېنىك دەرىجىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. بۇ ھەپتىدە، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋارايىدا ئومۇمىي جەھەتتىن چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدىغان بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئاساسى جەھەتتىن تۇراقلىق بولىدىكەن. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، چارشەنبە كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئازراق قار يېغىشى مۇمكىنكەن.

    مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، تۇمانلىق ھاۋارايى كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە داۋاملىق كۆرۈلىدىغان بولۇپ، تېمپېراتۇرا ھازىرقىدىن سەل ئۆرلەيدىكەن. چارشەنبە كۈنى قار يېغىشتىن بۇرۇن، مەركىزىي شەھەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃9- ئەتراپىدا بولىدىكەن، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ℃2 ئەتراپىدا ئۆرلەيدىكەن.

    شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 25-دېكابىر كۈندۈزدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەھەرلەر ئىچىدە، ئالتاي بىلەن قومۇلنىڭ تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃17-~℃15- ئەتراپىدا بولىدىكەن، غۇلجا، بورتالا ۋە چۆچەكتە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃0 قا ئۆرلىشى مۇمكىنكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە غۇلجا شەھىرىدە تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ℃ 7 بولىدىكەن.

    كەلگۈسى ئۈچ كۈندە بورتالانىڭ شەرقى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى ۋە ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن داۋانچىڭغىچە بولغان رايوندا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368510161