سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‎ ‎‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-25

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ 30–قېتىملىق ئۆگىنىشىنى تەشكىللىدى

    يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ،كېلەر يىللىق ئىقتىسادخىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ 2017 – يىللىق 30 – قېتىملىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى.

    يىغىندا مۇنداق قارالدى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە شەرھلەپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ تەلەپنى ئېنىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ›› نى ياخشى قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، كېلەر يىلى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش كۈچى ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى سىڭدۈردى. يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەلەپلەر ئالدىدا، بىز يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپى بويىچە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2018 – يىل پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر تونۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ، ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىزمەت رىتىمىنى ۋە سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى زور خېيىم – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››دە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ كېلەر يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تىرىشىپ چىڭ تۇتۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەم ياخشى رەھبەر بولۇپ، ھەم مۇتەخەسسىسلەرگە ئايلىنىپ، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىدىغان، يېڭى نىشانغا يېتىدىغان، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشقا تۈرتكە بولۇش ۋە زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئىناق، مۇقىم مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368510131