سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ بۇ يىل ‹‹زاكازلىق›› تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 1 مىليون 259مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‎ ‎‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-25

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بۇ يىل شەھەر – يېزىلاردىكى 1 مىليون 259 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچى، ئىگىلىك تىكلەش توپى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان توپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ماھارەت بويىچە ‹‹زاكازلىق›› تەربىيەلىگەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ھۆددە قىلىش بويىچە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، قۇرۇلۇش، قاتناش، سۇچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ھۆددە قىلىش بويىچە سەككىز خىل تەربىيەلەش ۋە دۆلەت تىلى بويىچە تەربىيەلەشتىكى تۆت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ھەم باھالاش ئۆلچىمىنى كېڭەيتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹زاكاز + دېھقان››، ‹‹ماھارەت + ئىگىلىك تىكلەش›› قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە شەھەر – يېزىلاردىكى 1 مىليون 259 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچى، ئىگىلىك تىكلەش توپى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان توپلارنى ماھارەت بويىچە ‹‹زاكازلىق›› تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر – يېزىلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەنگەنلەر 477 مىڭ كىشىگە، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 403 مىڭ كىشىگە، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى% 84.5 كە يەتكەن، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن 52 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلگەن.

    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولۇشتەك ‹‹جاھىل كېسەل››نى ساقايتىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇلارنى كەسپىي جەھەتتىن ھەقسىز تەربىيەلەش ۋە دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە تەربىيەلەشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ماھارەت ئىگىلەپ، بازار ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان 47 مىڭ كىشى تولۇق تەربىيەلەنگەن.

    توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كارخانىلىرى ئاپتونوم رايوندىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق يوللارنىڭ بىرى. شۇڭا، ئاپتونوم رايون بۇ يىل تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى ئارقىلىق كارخانىلارغا ‹‹بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىش›› سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆزئارا چاتتى، پۈتۈن بىر يىلدا توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىغا 60 مىليون يۈەن تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى ئاجراتتى، 9 – ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر 76 مىڭ كىشىنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى تەربىيەلىدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368510061