سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە بېرىلگەن قالتىس جاۋاب

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‎ ‎‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-25

    مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا

    نامرات ئاھالىلەر ۋە نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرگۈزۈش پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى. قانداق قىلغاندا نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرغىلى، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ؟ مارالبېشى ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نامراتلارنى يۆلەش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى، ھازىرغىچە 70 نامرات كەنت، 14 مىڭ 886 ئائىلىدىكى 58 مىڭ 146 نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە قالتىس جاۋاب بېرىلدى.

    كىچىك ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى چوڭ بولدى

    مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناكۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتىدىكى تۇردى نۇرەك يېقىندا مۇنداق دېدى : ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا مەن ھەرگىز ئارقىدا قالمايمەن.

    غولمەھەللە كەنتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئارانلا 1.92 مو بولۇپ، نامرات ئاھالە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ %48.9 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇزاققا سوزۇلغان نامراتلىق ئۇلارنى كۈنىنىڭ ئۆتكىنىگە قانائەت قىلىدىغان، بېيىش ئىستىكى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانىدى.

    ئىلگىرى تۇردى نۇرەكنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يەر تېرىپ، يىلدا ئاران 4000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە كىرىم قىلاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يەرگە تايىنىپلا كۈن كەچۈرەتتۇق، بېيىشنى ئويلىساقمۇ باشقا چىقىش يولىمىز يوق ئىدى.

    نامراتلارنى يۆلەشتە ئاۋۋال ئۇلاردا ئىرادە تۇرغۇزۇش كېرەك. مارالبېشى ناھىيەسى ئىلغار كىشىلەر ۋە نەمۇنىلىك ئىشلار ئارقىلىق ئاممىنى تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئىشنى كۆزقاراشنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ بېيىش ئاكتىپلىقىنى ئۇرغۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخنىكلارنى يېزىغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللاپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىگە ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەپ، نامرات ئاممىنى ئاز دېگەندىمۇ بىردىن ماھارەتكە ئىگە قىلدى.

    مارالبېشى ناھىيەسى دېھقانلارنىڭ ھويلا – ئارانلىرىنى ئۆزگەرتىش مەخسۇس تۈرىنى يولغا قويدى، ھويلا – ئارانلار ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، 100 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر كۆپەيدى، بۇ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 90 مىڭ دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھەربىرىگە تەخمىنەن بىر مودىن كۆپرەك يەر قوشۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

    غولمەھەللە كەنتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، نامرات ئاھالىلەردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، كۆپ تەرەپلىمە مەبلەغ توپلاپ، ھەربىر ئائىلە ئۈچۈن سەككىز تۈپتىن ياڭاق دەرىخى سېتىۋېلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا بىرتۇتاش تىكىپ بەردى. كەنت ئاھالىلىرىنى يەنە ھويلا – ئارانلىرىغا ‹‹ساھىبجامال›› ئۈزۈم سورتىنى تىكىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى. ھازىر تۇردى نۇرەكنىڭ تۇرمۇشى ئۈمىدكە تولدى.

    مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرى بوز ئېرىق كەنتىدىكى گۆھەرنىسا سەمەتنىڭ ئائىلىسى نامرات ئائىلە ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ھويلىسىدىكى بىكار يەردىن پايدىلىنىپ، ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆكتات تېرىپ، ئۆي قۇشلىرى ۋە چارۋا بېقىپ، خېلى كۆپ كىرىم قىلىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.

    مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خې چياڭ مۇنداق دېدى: ھەر بىر ئائىلىنى ھەپتىدە 50 يۈەنلىك كۆكتات ئىستېمال قىلىدۇ، دەپ ھېسابلىساق، دېھقانلار ھويلىسىدا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلار بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىگەندىن باشقا، سىرتقا ساتسا، يىلدا 2500 يۈەندەك كىرىم قىلىدۇ. ناھىيەمىزدىكى دېھقانلارنىڭ ھەممىسى توخۇ، ئۆردەك، كەپتەر، قوي باقىدۇ، ئادەتتە بىر ئائىلە باقمىچىلىقتىنلا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايدۇ.

    كىرىمىنىڭ ئېشىشىنىڭ تەمىنى تېتىغان گۆھەرنىسا سەمەت مۇنداق دېدى: ھويلا – ئاران ئىگىلىكى تېزدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىزغا كۈچ قوشۇۋاتىدۇ. بىز جەزمەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىمىز.

    ھەمراھ زاۋۇتلار نامرات ئاھالىلەرنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى قاناتلاندۇردى

    مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چۇڭقۇچاق يېزىسى ئاقتوغراق كەنتىدىكى تۇنساگۈل تۇرغۇننىڭ تۇرمۇشى ھەمراھ زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن پۈتۈنلەي باشقىچە تۈسكە كىردى.

    مارالبېشى ناھىيەلىك ‹‹يىمېي›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتى ھەمراھ زاۋۇتىنىڭ بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئاقتوغراق كەنتىدە ماكانلىشىشى تۇنساگۈل تۇرغۇننى قەۋەتلا خۇشال قىلىۋەتتى، ئۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى.

    2016 – يىلىدىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۇچقۇن قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مارالبېشىدىكى يېزا – بازارلاردا ھەمراھ زاۋۇتتىن 18 ى قۇرۇلۇپ، يالغۇز كىيىم – كېچەك كەسپىلا شۇ جايدىكى 1450 دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

    تۇنساگۈل تۇرغۇن مۇنداق دېدى: زاۋۇت ئىش باشلىشىغىلا بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىدىم، بۇ يەردە ئىشلىسەم ھەم بالامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىكەنمەن، ھەم ئىشلەپ پۇل تاپالايدىكەنمەن، بەك قولايلىق بولدى.

    تۇنساگۈل تۇرغۇن كارخانىدا ئىشلەپ كىرىم قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىمۇ ئۆستى.

    ئاقتوغراق كەنتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەكبەر ئابلىز مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ دېھقاندىن قەدەممۇقەدەم ئىشچىغا ئايلانغانلىقىنى، شەھەرلىكلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم. زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان كىيىم – كېچەكلەرنىڭ چەت ئەللەرگە سېتىلغانلىقى ئۇلارنى تولىمۇ ئىپتىخارلاندۇردى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلارغا ئوخشاش يېزا ئاياللىرى تىككەن كىيىم – كېچەكلەرنى چەت ئەللىكلەرنىڭ كىيىشى قالتىس ئىش ئىدى.

    سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ كۆلبېشى مەھەللىسىدىكى ھاجىگۈل ئەخمەت مۇنداق دېدى: مەن ئادەتتىكى ئائىلە ئايالىدىن ھازىرقىدەك بىر سېخنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا ئايلىنىپ، ئايدا 3000 يۈەن كىرىم قىلغىنىمدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن. باشقىلارنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىككى قولىغا تايىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ھەمراھ زاۋۇتلارنىڭ يېزا – كەنتلەردە قۇرۇلۇشى ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ئىشلەش ئىمكانىيىتى بولمىغان نۇرغۇن دېھقان – چارۋىچىنى ھەم ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىش، ھەم ئىشلەپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مارالبېشى ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شەھەر – بازارلاردىكى 11 مىڭ 300 كىشىنى يېڭىدىن مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن 54 مىڭ 300 (قېتىم)نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ 280 مىليون يۈەن كىرىم قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

    ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

    مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ‹‹يىپەك يولىدىكى ئۆتەڭ، توغراق شەھىرى، مەدەنىيەت ماكانى، مەززىلىك تائاملار شەھىرى›› دېگەن گۈزەل نامى بار، بولۇپمۇ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناكۆل مەنزىرە رايونىنىڭ ئەزەلدىن ‹‹100 چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى›› دېگەن چىرايلىق نامى بار بولۇپ، بۇ جايدا ھەم چېگرادىكى بوستانلىقنى، ھەم بىپايان قۇملۇق، چۆل – باياۋان مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    ھالبۇكى، 2017 – يىلىغا كەلگەندىمۇ مارالبېشى ناھىيەسىدىكى 8050 ئائىلىدىكى 29 مىڭ 391 نامرات ئاھالە يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل ئىدى.

    مارالبېشى ناھىيەسى ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يۆلەش – ئېچىش تەپەككۇرىنى قايتىدىن بېكىتتى، يەنى كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، مەۋقەنى شۇ جاينىڭ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، يۆلەش – ئېچىشقا تۈرتكە بولدى.

    خې چياڭ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىك ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە گۈللەنمە كەسىپ. بىز نامرات كەنتلەرنىڭ مۈلكى، بايلىقى، مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى قاتارلىقلارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشۇپ تىجارەت قىلىشىغا، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ساياھەتچىلىككە تايىنىپ قامدىشىغا، تېخىمۇ كۆپ نامراتنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ئىلھام بېرىمىز. ناھىيەمىز نامراتلارنىڭ نامراتلىشىش سەۋەبى، نامراتلىق تۈرى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، يول ۋە تۈرلەرنى توغرا تېپىپ تەدبىر قوللاندى.

    500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان ئاناكۆل مەنزىرە رايونى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ دۆلەتلىك 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، دۆلەت ئورمان باغچىسى، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قىلىپ بېكىتىلىپ، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، ساياھەتچىلەر يىلسېرى كۆپىيىپ، بۇ مەنزىرە رايونىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 4000 يۈەندىن ئاشتى.

    ئىگىلىنىشچە، بۇلتۇر مارالبېشى ناھىيەسىگە بارغان ساياھەتچىلەر 520 مىڭ(قېتىم) غا، ساياھەتچىلىك ئومۇمىي ئىستېمالى 160 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %62.5 ۋە %60 ئاشقان، بۇ، 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ بىۋاسىتە، 2000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان.

    مارالبېشى ناھىيەسى يەنە ‹‹پارتىيە بايرىقىنى يولباشچى قىلىش. ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش›› ھەرىكىتىنى كۈچەپ يولغا قويدى، بۇ يىل جېجياڭ ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىش مەركىزىدىن يەتتىسى ۋە ‹‹تيەنماۋ››، ‹‹يېزا تاۋباۋسى›› قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى بىرلىشىپ ساتتى، ھازىرغىچە مارالبېشىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىدىن 1114.7 توننا سېتىلىپ، سېتىلىش سوممىسى 7 مىليون 479 مىڭ 400 يۈەنگە يەتتى.

    خې چياڭ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ۋاقىت بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. بىز جەزمەن يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك ئىرادە تىكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نامرات ئاممىنى ئاپتونوم رايونىمىز خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368509271