سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-25

    لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېغىر نامرات رايونلار پارتكوملىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە مەسئۇل يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىلىرىنى مەركەزلىك تەربىيەلەش كۇرسىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

    چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېغىر نامرات رايونلار پارتكوملىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە مەسئۇل يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىلىرىنى مەركەزلىك تەربىيەلەش كۇرسىدا 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى دەرس باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ›› نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە ئەڭ چوڭ سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەقىقىي كۈچ چىقىرىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: تۈجۈپىلەپ ئىشلەش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، توغرا يۆنىلىشتە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹كىمنى يۆلەش›› مەسىلىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە، 192 ئېغىر نامرات يېزا، 1962 ئېغىر نامرات كەنتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەك. ئۆلچەملىك ۋە ئۈنۈملۈك يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ‹‹نېمىنى يۆلەش›› مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ‹‹ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچنى كاپالەتلەندۈرۈش، بىردە يۇقىرى بولۇش، بىرگە يېقىنلىشىش›› تەلىپى بويىچە ھەم سۈنئىي ئۇسۇلدا يۇقىرىلاتماي، ھەم تۆۋەنلەتمەي، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹قانداق يۆلەش›› مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئىنچىكە ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، نامرات كەنت، نامرات ئائىلە، نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىشىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم››، ‹‹بەشتە تىرىشىش››قا مەركەزلىك كۈچەشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يۈرگۈزۈش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ‹‹كىم يۆلەش›› مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى، ھەر دەرىجىلىك يۆلەش تارماقلىرى ئومۇمىيەتنى چىڭ تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، ھەرقايسى ساھەدىكى تارماقلار تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ‹‹ياخشى يۆلىيەلمىسە قانداق قىلىش كېرەك›› دېگەن مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسى نازارەتچىلىكىنى، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى، تەكشۈرۈش – باھالاشنى چىڭىتىپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمەت مۇھىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368509221