سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىسرائىلىيەدىكى تۇنجى قالقان قۇرۇلمىلىق مېترو تۇنېلى ئارىلىقى تۇتاشتۇرۇلدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-22

    20-دېكابىر، ئىسرائىلىيەنىڭ تېلاۋىفتىكى يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريول قىزىل سىزىق قۇرۇلۇشىدا جۇڭگولۇق ئىشچىلار تۇنېل قېزىش ماشىنىسىنى تازىلىماقتا.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ جۇڭگو ئا0ممىۋى قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسرائىلىيە تېلاۋىف يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريول قىزىل سىزىق قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي بۆلەك تۈرىدىكى 720 مېتىرلىق قالقان قۇرۇلمىلىق تۇنېل ئارىلىقى يېقىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئىسرائىلىيەدىكى تۇنجى تۇتاشتۇرۇلغان قالقان قۇرۇلمىلىق مېترو تۇنېلى ئارىلىقى بولۇپ قالغان. يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريول قىزىل سىزىق قۇرۇلۇشى تېلاۋىف رېلىسلىق قاتناش پىلانىدىكى تۇنجى يېنىك رېلىسلىق لىنىيە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 23.5 كىلومېتىر كېلىدىكەن. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن تېلاۋىفنىڭ كۈندىن-كۈنىگە ئېشىۋاتقان قاتناش بېسىمى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىلىدىكەن.

20-دېكابىر، ئىسرائىلىيەنىڭ تېلاۋىفتىكى يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريول قىزىل سىزىق قۇرۇلۇشىدا جۇڭگولۇق ئىشچىلار تۇنېل قېزىش ماشىنىسىنى تازىلىماقتا.

20-دېكابىر، ئىسرائىلىيەنىڭ تېلاۋىفتىكى يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريول قىزىل سىزىق قۇرۇلۇشىدا جۇڭگولۇق ئىشچىلار تۇنېل قېزىش ماشىنىسىنى تازىلىماقتا.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368457971