سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەملىكەتلىك ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسى يىل ئاخىرىدا خىزمەتچىلەرنىڭ قانداق پاراۋانلىققا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بېكىتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-22

    1. ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھېيت-بايراملاردا بارلىق ئەزالارغا بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى تارقاتسا بولىدۇ. ھېيت-بايراملار دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بايراملار(يەنى: يېڭى يىل، چاغان، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى) ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن تەسىس قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بايرىمىنى كۆرسىتىدۇ. بايراملىق ھال-سوراش بۇيۇملىرى پىرىنسىپ جەھەتتە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرام ئادىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بويۇم ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە زۆرۈر بولغان تۇرمۇش بويۇمى قاتارلىقلار بولۇشى كېرەك، ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ قولاي، جانلىق ئۇسۇلدا تارقاتسا بولىدۇ.

    2. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ ھال سورىغاندا تۇغۇلغان كۈن تورتى قاتارلىق ماددىي بويۇم تارقاتسا ياكى بەلگىلەنگەن تورت دۇكىنىنىڭ تورت بېلىتىنى تارقاتسا بولىدۇ.

    3. ئۇيۇشما ئەزالىرى توي قىلغاندا، پەرزەنتلىك بولغاندا بەلگىلىك سوممىدىكى ھال سوراش بويۇمى بەرسە بولىدۇ. ئاغرىپ دوختۇرخانىدا ياتقاندا، ئۇيۇشما ئەزاسى ياكى ئۇيۇشما ئەزاسىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى قازا قىلغاندا بەلگىلىك سوممىدا ھال سوراش پۇلى بەرسە بولىدۇ.

    4. پېنسىيەگە چىقىپ خىزمەتتىن ئايرىلغاندا بەلگىلىك سوممىدا خاتىرە بويۇمى بەرسە بولىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىراجىتىنى ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مائارىپ بويىچە تەربىيەلەشتىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇكاپات پۇلى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىدە غەلىبە قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش چىقىمى، ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە ئىلغار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش، دەم ئېلىش تولۇقلىمىسى، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مەبلەغ ۋە ماددىي ياردەم بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق چىقىملارغا ئىشلەتسە بولىدۇ. ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالارنىڭ ئەزالىق بەدەل پۇلىنى ئىشلىتىپ ئەزالارنى كىنو كۆرۈش، مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيىتى ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىقلارغا تەشكىللىسە، ئەتىيازلىق، كۈزلۈك ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرسا، ئەزالارغا شۇ جايدىكى باغچىنىڭ يىللىق بېلىتىنى بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368457881