سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ماشىنا ئادەم ياسايدىغان ئەڭ چوڭ بازا گەنچۈەنباۋغا ئورۇنلاشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-22

    يېقىندا، جۇڭشىن ئېغىر سانائەت ماشىنىسازلىق پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەبلەغ سالغان ئالاھىدە ماشىنا ئادەم كەسپىي بازىسى ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا رەسمىي ئورۇنلاشتى، كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا، بۇ يەردە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ماشىنا ئادەم ياسايدىغان ئەڭ چوڭ بازا بەرپا قىلىنىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان مەملىكىتىمىزنىڭ سانائەت تەرەققىيات قەدىمى ناھايىتى تېز بولغان، ماشىنا ئادەم تەتقىقاتى ئىستىراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالغان. مەملىكىتىمىزدە ماشىنا ئادەم كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئوتتۇرا باسقۇچتىن يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەن، كۆپ ساھەدە تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلگەن. ئىلگىرى ماشىنا ئادەمنىڭ ئىشلىتىلىش تېخنىكا سەۋىيەسىمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن تۆۋەن بولغانىدى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ماشىنا ئادەم ياساش تېخنىكىسىمۇ تېز تەرەققىياتقا ئېرىشكەن، سانائەت ماشىنا ئادەم بازىرىمۇ كېڭەيگەن.

    نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز «جۇڭگودا ياسالغان 2025 شىنجاڭ ھەرىكەت لايىھەسى» دە سانائەت ماشىنا ئادىمى، قۇرۇلۇش ماشىنلىشىشى، يېڭى ئېنېرگىيە ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسلىھە ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش نىشان قىلىنغان. 2025-يىلىغا بارغاندا، سانائەت ماشىنا ئادىمى قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسلىھەلەر كەڭ تۈردە ئىشلىنىپ، 10 ئىلغار ئەسلىھە ياساش ئالاھىدە كەسىپ بازىسى مەيدانغا كەلتۈرۈلىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368457621