سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدىكى بەش كەنت بازىرى 2017-يىللىق جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل كەنت بازارلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-22

    2017-يىللىق جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل كەنت-بازارلار تىزىملىكى يېقىندا ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدا قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى يۈەنخۇسۇن كەنت بازىرى، ئەرشىلىدەن بازىرى، سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرى سەنشىخۇ كەنتى، مورى ناھىيەسىنىڭ يېڭى شىنخۇا بازىرى، شىخو شەھىرىنىڭ كۇرتۇ بازىرى قاتارلىق بەش كەنت بازىرى تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.

    ئۇنىڭ ئىچىدە، قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى 2017-يىللىق جۇڭگودىكى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئەڭ گۈزەل كەنت-بازار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ سانجى شەھىرى ليۇگۇڭ بازىرى سەنشىخۇ كەنتى 2017-يىللىق ئەڭ گۈزەل كەنت-بازار ئېكولوگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، قالغان ئۈچ جاي جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل 50 كۈچلۈك كەنت-بازار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368457481