سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«تۇغقانلار كەلدى، قەلبىمىز ئىللىدى»

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-22

    ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2-تۈركۈمدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدىن خاتىرە

    «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2- تۈركۈمدىكى كادىرلىرى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تاپشۇرۇقىنى، تۇغقانلىرىغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى ئېلىپ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە باردى.

    پوسكام ناھىيەسىنىڭ سەيلى يېزىسى يىما كەنتىدىكى ئابدۇرازاق مەمتىمىن ۋە مەمەت تۇرۇپنىڭ ئۆيىدىكى مەشتە گۈرۈلدەپ ئوت كۆيۈۋاتاتتى، بۇ ئىككى ئائىلىدىكىلەر يىراقتىن كەلگەن تۇغقانلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئىككى كۈن بۇرۇنلا ھويلا- ئاراملىرىنى تازىلاپ، ئۆيلەرنى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇپ قويغانىدى.

    ئۇلارنىڭ يىراقتىكى تۇغقانلىرى − ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىدىكى كادىرلارمۇ تۇغقانلىرىغا كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىپ، ئەسرالىشىشقا ئالدىراۋاتاتتى.

    تۇغقانلار ئىشىك ئالدىغا كەلدى

    ئۈرۈمچىدىن پوسكامغا يېتىپ بارغىچە، پويىزدا ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىدىكى كادىرلارنىڭ پاراڭلىرى ئۈزۈلمىدى، ئۇلارنىڭ پارىڭى تۇغقانلىرى ئۈستىدە بولۇۋاتاتتى.

    كەنتكە يېتىپ بارغاندا تېخى تاڭ ئاتمىغانىدى، تۇغقانلىشىدىغان كادىرلارنىڭ يېتەكچىسى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى پېڭ كېچېڭ تۇغقانلىشىدىغان كادىرلار ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىنى ئېچىپ، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرە قىلدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، بىر مەيدان زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ھەر كۈنى بىر مەيدان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر كىنو كۆرۈش، بىر قېتىملىق قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، چىللىدە بىرۋاق قېرىنداشلىق تۈگرىسى يېيىش، بىرلىكتە دېھقانچىلىق ۋە ئۆي ئىشلىرى قىلىش، تۇغقانلارنى بىللە يوقلاپ، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە سىردىشىش قاتارلىقلار توغرىسىدا تېزلا ئورتاق تونۇشقا كەلدى.

    تۇغقانلىشىدىغان كادىرلار ئەسلىدە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىشخانىسىدا بىردەم ئارام ئېلىۋالماقچى بولغانىدى، ئويلىمىغان يەردىن، ناشتىلىقنى بالدۇرلا تەييارلاپ قويغان تۇغقانلىرى ئۇلارنى ئىزدەپ كەلدى.

    تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇش ئىسسىق ناشتىلىق بىلەن باشلاندى. بەزىلەر چاقچاق قىلىپ : مەمەتجان، ئۆينى بەك ئىسسىتىۋېتىپسىز، پويىزدىكى ھاردۇقىمىز بىردەمدىلا چىقتى! دېيىشتى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى مەمەت خۇشال ھالدا: تۇغقانلىرىمىز كېلىپ، قەلبىمىز ئىللىقلىققا تولدى، دېدى.

    سىڭىشىش ئۆي ئىشلىرىدىن باشلاندى

    ئەر يولداشلار ئورۇن- كۆرپىلىرىنى يىغىپ، مەشكە ئوت ياقتى، ھويلىنى يىغىشتۇردى، ئايال يولداشلارنىڭ بەزىلىرى كۆكتات سېتىۋېلىشقا، بەزىلىرى قازان- قومۇچلارنى يۇيۇشقا تۇتۇندى، ھەممەيلەن ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى...

    تۇغقانلاشقان كادىر مەردانە ئابدۇرېھىم قوي گۆشى، غاز گۆشى، سەۋزە، پىياز قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، خۇرۇجلارنى تەق قىلدى، ئۇ تۇنجى ۋاق تاماقنى ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ، كۆپچىلىككە ھۈنىرىنى كۆرسەتمەكچى بولدى.

    كۆپچىلىك سۇپىدا ئولتۇرۇشۇپ خەيرىگۈل قۇددۇسنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ھەققىدە پاراڭغا چۈشۈپ، خۇشاللىقىنى باسالمىدى.

    خەيرىگۈلنىڭ ئېرى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئۈچ بالىنى ئۆزى بېقىپ قاتارغا قوشقانىدى، ھازىر، ئۇنىڭ ئىككى بالىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، يەنە بىر بالىسى كەنت خەلق ئەسكەرلىرى ئەترىتىنىڭ باشلىقى.

    مەردانە مۇنداق دېدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خەيرىگۈلنىڭ ئۆيىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، ھەممە بالىسى ياراملىق ئادەم بولدى، ئۇنىڭ بەختلىك كۈنلىرى ئەمدى باشلاندى.

    كۆپچىلىك يېغىۋاتقان قارغا قارىماي، تۇغقانلاشقان كادىر چېن فەننىڭ تۇغقىنىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە، تۇرسۇنخان توختىمەت ئانا ھاياجانلانغان ھالدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى ھەم كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ: ئاخىر كەلدىڭلار، سىلەر كەلگەندىن بۇيان تۇرمۇشۇمغا يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلدى، بىز يېڭى ئۆي سالدۇق، ئوغلۇم دۇكان ئېچىۋالدى، بۇ ئىشلار ئۈچۈن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن، دېدى.

    تۇرسۇنخان ئانىنىڭ يېڭى ئۆيى پۈتكەن بولسىمۇ، ئۆي سەرەمجانلىرى تېخى تولۇق ئەمەس ئىدى، چېن فەن بۇنى بىلىپ، چۈشتىن كېيىنلا كىرېسلو، شىرە، ئورۇندۇقلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى.

    ياخشى سىياسەتلەر يەتكۈزۈلۈپ، ياخشى تۇرمۇش يارىتىلدى

    بىر كۈن ئالدىراش ئۆتكەن كادىرلار قاراڭغۇ چۈشكەندە سۇپىدا ئولتۇرۇپ، تۇغقانلىرى بىلەن تاماق يېگەچ پاراڭغا چۈشتى.

    − يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى دېگەن نېمە؟ − دەپ سورىدى پېڭ كېچېڭ. مەمەتجان ئۈنلۈك ئاۋازدا: يېزىلارنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، بىزنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىپ، ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، دەپ جاۋاب بەردى.

    − تولىمۇ توغرا ئېيتتىڭىز. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان نېگىزلىك مەسىلە. دۆلەت دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىياسەت شۇنچە ياخشى، بۇ يەرنىڭ باغۋەنچىلىك، باقمىچىلىق قاتارلىق كەسىپ ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك، − دېدى پېڭ كېچېڭ.

    بارلىق سىياسەت ۋە تەدبىرلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشتىكى كونكرېت تەدبىرلىرى ئىدى، پېڭ كېچېڭ ئۇنى تولىمۇ جانلىق سۆزلىدى، مەردانە ئەستايىدىل تەرجىمە قىلدى، يۇرتداشلار دىققىتىنى يىغىپ ئاڭلاپ، باشلىرىنى لىڭشىتتى. پېڭ كېچېڭ خۇلاسىلەپ: سىلەرنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كومپارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى، دېدى.

    مەشتە ئوت كۆيۈۋاتاتتى، قېرىنداشلىق مېھرى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتاتتى...

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368457011