سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-22

    12- ئاينىڭ 19- كۈنى ۋاڭ بىن يەسلىگە بېرىپ، روزىتوختىنىڭ ئوغلىنى قايتۇرۇپ كەلدى.

    «تەن بو، تاسما پۇرچاقنى بەك ئۇزۇن توغرىۋەتمەڭ...»، 12- ئاينىڭ 19- كۈنى كەچتە خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى قوتاز مەھەللە كەنتىنىڭ ئاھالىسى روزىتوختى مەتقۇرباننىڭ ئۆيىدە خۇنەن تەلەپپۇزىدا پاراڭ بولۇۋاتاتتى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىدىن كەلگەن يىن چاۋياڭ، ۋاڭ بىن، تەن بو ئاشخانىدا كەچلىك تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. تۇغقانلارغا كەچتە بىر ۋاخ خۇنەن تامىقى تەييارلاش ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ مۇھىم ئىشى ئىدى.

    يىن چاۋياڭ، ۋاڭ بىن، تەن بو خۇنەندىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار ئىدى. 12- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۇلار شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىدىكى 70 نەچچە كادىر ۋە ئىشچى- خىزمەتچى بىلەن بىللە قوتاز مەھەللە كەنتىگە كېلىپ، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

    ئۇلار نەچچە كۈندىلا شۇ جاينىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى تېز كۆنۈپ قالدى. تۇغقانلىرىغا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، خۇنەن تائاملىرىنى ئېتىشنى قولمۇقول ئۆگىتىپ قويدى ھەم كەنتتىكى تېرىقچىلىق ئۇستىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تۇغقانلىرىغا پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، ئۈچەيلەن تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

    روزىتوختى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى : كەنتىمىزدە بۇرۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تولىمۇ كەمچىل ئىدى، مېنىڭ ھازىر ئالىي مەلۇماتلىق تۇغقانلىرىم بولغاچقا، كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ھەۋەس قىلىدىغان بولدى. ئۇلار ئۆيىمىزدە تۇرغاچ، توك يوللىرىنى رېمونت قىلىپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىمغا ياردەملىشىپ بەردى، يەنە ماڭا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈردى. مەنمۇ بالىلىرىمنى ياخشى ئوقۇتۇپ، كەلگۈسىدە بىلىملىك، ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىمەن.

    يىن چاۋياڭ مۇنداق دېدى: كەنتتىكىلەر بىلەن بىللە تۇرۇش ناھايىتى كەم تېپىلىدىغان پۇرسەت، بىللە تۇرۇش جەريانىدا ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاددىي- ساددا ۋە ئاق كۆڭۈل مىجەزىدىن ناھايىتى تەسىرلەندۇق.

12- ئاينىڭ 19- كۈنى تەن بو (ئوڭدىن 2- كىشى) روزىتوختىنىڭ ئۆيىدە توك يوللىرىنى تەكشۈرمەكتە.

روزىتوختىنىڭ ئايالى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى يىن چاۋياڭ (ئوڭدىن 1- كىشى) ۋە ئۇنىڭ ئىككى خىزمەتدىشى بىلەن بىللە كەچلىك تاماق ئەتمەكتە.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368456901