سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ»

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-22

    «جيېلىيا» شىنجاڭ «شىنيۆ» يىپەك يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى توغرىسىدا

    12- ئاينىڭ 14- كۈنى كەچقۇرۇن بىڭتۈەن 1- شىسى ئارال شەھىرىدىكى «جيېلىيا» شىنجاڭ «شىنيۆ» يىپەك يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يەسلى دەرۋازىسى سىرتىدا نۇربىيەم مەمەت بىلەن ئېرى ئەزىمەت ئەركىن بالىسىنى كۈتۈپ تۇراتتى.

    نۇربىيەم مەمەت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «جيېلىيا» شىركىتىگە ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، تۇرمۇشىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولدى. ھازىرقى نىشانىمىز كۆپرەك پۇل تېپىپ، كەلگۈسىدە بالىمىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش. ھازىر بىز «جيېلىيا» شىنجاڭ «شىنيۆ» يىپەك يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىدىكى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇق، ئەر- خوتۇن ئىككىلىمىز زاۋۇتتا ئىشلەيمىز، بالىمىز شىركەت يەسلىسىدە تەربىيەلىنىۋاتىدۇ، تۇرمۇشىمىز شاد- خۇراملىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ.

    نۇربىيەم مەمەت ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرىدىن بولۇپ، بالىسى ئىككى يېرىم ياشقا كىردى، ئۇ ئىلگىرى بىر كىتابخانىدا تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەنىدى. بۇ يىل 8- ئايدا «جيېلىيا» شىنجاڭ «شىنيۆ» يىپەك يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاۋات بازىرىغا ئىشچى قوبۇل قىلغىلى بارغاندا، ئەتراپىدىكى نۇرغۇن قىزنىڭ ئىشچىلىققا تىزىملاتقانلىقىنى كۆرگەن ھەم نۇرغۇن كىشىنىڭ «جيېلىيا» شىركىتىدە ئىشلىگەندىن كېيىن تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان نۇربىيەم مەمەتمۇ ئۆزىنى تىزىملاتتى. نۇربىيەم مەمەت ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئېرى ئەزىمەت ئەركىنگە بۇ ئىشنى مەسلىھەت سالدى.

    − «جيېلىيا» شىركىتىگە بېرىپ ئىشلىشىڭگە قوشۇلمايمەن، مەن رېستوراندا كاۋاپچىلىق قىلىپ ئايدا 2000 يۈەن تاپىمەن، بۇنىڭغا سېنىڭ 1800 يۈەن ئىش ھەققىڭنى قوشساق، بىر بالىنى گۈلدەك بېقىپ كېتەلەيمىز، نېمىشقا ئۆيدىن ئايرىلىپ، 100 كىلومېتىر يىراقتىكى جايغا بېرىپ پۇل تاپقۇدەكمىز؟ − دەپ قارشى چىقتى ئېرى.

    − ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن ئاچا- سىڭىللار «جيېلىيا» شىركىتىدە ئىشلەۋېتىپتۇ، ئۇلار ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق ئىش ھەققى ئالىدىكەن، نېمىشقا بىزمۇ بېرىپ سىناپ باقمايمىز؟ مەن كۆپرەك پۇل تېپىپ، ئوغلىمىزنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرسەم دەيمەن، − دەپ سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى نۇربىيەم مەمەت. ئەزىمەت ئەركىن ئاخىر خوتۇنىنىڭ سۆزىدىن تەسىرلەندى، ئىككىيلەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئوغلىنى ئېلىپ، ئائىلە بويىچە «جيېلىيا» شىنجاڭ «شىنيۆ» يىپەك يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە بېرىپ ئىشلەشنى قارار قىلدى.

    بۇ يىل 8- ئاينىڭ 25- كۈنى نۇربىيەم مەمەت بىلەن ئېرى ئەزىمەت ئەركىن ئۈچۈن ئۇنتۇلماس بىر كۈن بولدى، شۇ كۈنى ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن «جيېلىيا» شىركىتىگە ئىشقا چۈشتى. ئۇلار شىركەتتىكى كادىرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىركەت ئاشخانىسى، پائالىيەت مەركىزى، قولاي تاللا بازىرى، يەسلى، زاۋۇت شىپاخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئەزىمەت ئەركىن مۇنداق دېدى: ئاپتوبۇستىن چۈشۈپلا كەڭ كەتكەن زاۋۇت رايونىنى كۆردۇق، شىركەتنىڭ تېخى بىزگە ئەر- خوتۇنلار ئۆيى تەقسىملەپ بېرىدىغانلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدىم. مۇكەممەل تۇرمۇش كاپالىتى بىزنىڭ بۇ يەردە قېلىپ ئىشلەش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

    نۇربىيەم مەمەت ئەر- خوتۇن ئىككىيلەننىڭ رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ۋە ئىللىقلىققا تولغان، ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى قاتارلىق ئەسلىھەلەر تولۇق سەپلەنگەن ئۆيىگە كىرگىنىمدە، شوخ ئوغلى گىلەم ئۈستىدە خۇشال ئويناۋاتقان ئىكەن. نۇربىيەم مەمەت تارتىنغىنىچە مۇنداق دېدى: ھازىر ئەر- خوتۇن ئىككىمىز كۈندە خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، بالىمىزنى زاۋۇت يەسلىسىگە بەردۇق، ئېرىممۇ بەك ئىشچان بولۇپ كەتتى، بىز بۇ يەردە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز.

    نۇربىيەم مەمەت بىلەن ئەزىمەت ئەركىن «جيېلىيا» شىركىتىگە ئىشقا چۈشكەن ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، نائۇستىدىن بىرنەچچە خىل ماشىنىدا مەشغۇلات قىلالايدىغان ئىشچىغا ئايلىنىپتۇ، ئىككىيلەننىڭ ياخشى ماسلىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشداشلىرىمۇ بەك قايىل ئىكەن. «جيېلىيا» شىنجاڭ «شىنيۆ» يىپەك يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى لۆڭگە سېخىنىڭ مۇدىرى جاڭ شىسۇڭ مۇنداق دېدى: نۇربىيەم مەمەت ئەر- خوتۇن بەك ئىشچان، بىرى تىككۈچىلىك ماشىنىسىدا ئىشلىسە، بىرى سۈپەت تەكشۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە سېختىكى باشقا ئەر- خوتۇن ئىشچىلارمۇ ئۆزئارا ياخشى ماسلىشىپ ئىشلەيدىغان بولدى.

    جاڭ شىسۇڭنىڭ ياخشى باھاسىنى ئاڭلىغان ئەزىمەت ئەركىن بىلەن خوتۇنى بىر- بىرىگە قاراپ كۈلۈپ قويدى، نۇربىيەم مەمەت مۇنداق دېدى: ئىككىمىز ئايدا 6000- 7000 يۈەن ئىش ھەققى ئالىمىز، ئۈچ ئايدا 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىپتۇق، ئاتا- ئانىمىزغا 3000 يۈەن ئەۋەتىپ بەرگەندىن سىرت، 10 مىڭ يۈەننى بانكىغا ئامانەت قويدۇق، بۇ يەردە تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە تىرىشىمىز.

    نۇربىيەم مەمەت ئەر- خوتۇننىڭ ھازىرقى يېڭى پىلانى بۇ شىركەتتە ياخشى ئىشلەپ، شىركەتتە ئۆزىگە تەۋە رەسمىي ئۆيگە ئېرىشىش ئىكەن.

    ئەسلىدە «جيېلىيا» شىنجاڭ «شىنيۆ» يىپەك يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كارخانىدا قېلىپ ئۇزاققىچە ئىشلىشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، مەخسۇس ئەر- خوتۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەر شىركەتتە ئون يىل (بويتاق ئىشچى- خىزمەتچىلەر 20 يىل) ئىشلىسە، بىر يۈرۈش ئۆي بىلەن مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى تۈزگەنىكەن، بۇ، نۇربىيەم مەمەت ئەر- خوتۇننىڭ شىركەتتە داۋاملىق ئىشلەش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپتۇ.

    نۇربىيەم مەمەت مۇنداق دېدى: بىز بۇ يەردە داۋاملىق ئىشلەپ قالىمىز، ئىشىنىمىزكى، تۇرمۇشىمىز جەزمەن بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368456451