سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ گامبىيە زۇڭتۇڭى باروۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-22

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو–گامبىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى خەرىتىسىنى ئورتاق سىزىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ سىجىل، چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 21 – كۈنى تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 21 – كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن گامبىيە زۇڭتۇڭى باروۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو – گامبىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى خەرىتىسىنى ئورتاق سىزىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ سىجىل، چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى : بۇلتۇر 3 – ئايدا جۇڭگو بىلەن گامبىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. ئەمەلىيەت گامبىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىنى چىقىرىشىنىڭ دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېقىمىغا ماسلاشقانلىق ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا توغرا تاللاش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ئالاقىلىشىشى ۋە ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو گامبىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئۇزاققىچە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزئارا يادرولۇق مەنپەئەتكە ۋە ئېتىبار بىلەن قارايدىغان ئىشلارغا چېتىلىدىغان زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، مەڭگۈ سەمىمىي، دوستانە ئۆتىدىغان، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇش كېرەك. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى، پارتىيەسى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ يېزا ئىگىلىكى، ئېلېكتىر كۈچى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، گامبىيەنىڭ ئۆزىنىڭ قان ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، مائارىپ، تاراتقۇلار، ياشلار، ئاياللار، سەھىيە، ساياھەت قاتارلىق تۈرلۈك ئەلئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى بىرلىكتە ياخشى قۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. جۇڭگو گامبىيە بىلەن بىرلىكتە خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، غەربىي ئافرىقا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشى ۋە چىن دوستلۇق – سەمىمىيلىك ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ››، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگونىڭ تاشقى ھەمكارلىقى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق سىياسىي شەرتنى قوشۇمچە قىلمايدۇ. جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم مەقسىتى شۇكى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە بېرىشىدىن، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن – ئاخىر ئافرىقا قاتارلىق بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ مەڭگۈ سەمىمىي دوستى ۋە ئىشەنچلىك ھەمراھى بولىدۇ. گامبىيە جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ يېڭى ئەزاسى. جۇڭگو گامبىيە بىلەن بىرلىكتە مۇنبەرنىڭ يوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ.

    باروۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گامبىيە ئۇلۇغ جۇڭگونىڭ سەمىمىي دوستلۇقىنى قەدىرلەپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرى، بولۇپمۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان گامبىيەگە بەرگەن خالىس ياردىمىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكى، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى زور كۈچ بىلەن قوللىشى گامبىيەنىڭ دۆلەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى، شەخسەن ئۆزۈممۇ جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشىدىن مەنپەئەتلەندىم. گامبىيە خەلقى جۇڭگونى ھۆرمەتلەيدۇ. گامبىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى گامبىيە خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن، گامبىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قەتئىي يۈرگۈزىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد – سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئېلېكتىر كۈچى، ئۇل ئەسلىھە، مائارىپ، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى ھەم خەلقئارا ئىشلاردىكى قويۇق ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ. گامبىيە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئىنتايىن قايىل، شۇڭا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ، ئۆز ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ سەمىمىي دوستى، گامبىيە جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئاستىدىكى ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ.

    ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە، ھۆكۈمەت ئىشى پاسپورتى بار خادىملارنىڭ ۋىزا بېجىرىشىنى كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى، جۇڭگو بىلەن گامبىيە ھەمكارلىشىپ، گامبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇڭزى ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىش كېلىشىمى ھەم ئىقتىساد، سودا، مەبلەغ سېلىش، تېخنىكا ھەمكارلىقى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىشىغا ئورتاق شاھىت بولدى.

    شى جىنپىڭ سۆھبەتتىن ئىلگىرى خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي چوڭ زالىدا باروۋ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما پېيخۇا قاتارلىقلار قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368456401