سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرايلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-22

    مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (1)

    ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭىلا ئاياغلاشقان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئىلمىي خۇلاسىلەپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئومۇمىي تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇردى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىگە باشتىن – ئاخىر ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىققا ئائىت مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل سىڭدۈرۈلگەن، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈپ پىرىنسىپ.

    جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمۇ يېڭى دەۋرگە كىردى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدا ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىقتىساد خىزمىتىگە توغرا تەدبىر بەلگىلەپ، تەرەققىيات تەپەككۇرىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. بىزنىڭ بەش يىلدىن بۇيان ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىچكى – تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە ئاجايىپ مۇساپىنى بېسىشىمىز، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، تارىخىي ئۆزگىرىش ياسىشىمىزنىڭ ئەڭ تۈپ سەۋەبى دەل مۇشۇ ئىدىيەنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغانلىقىدا.

    شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى ‹‹يەتتىدە چىڭ تۇرۇش›› قا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىغا سىڭدۈرۈش؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىش، ئىگىلەش، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە قانداق قاراش، ئىقتىساد خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش مەسىلىسىگە ئېنىق جاۋاب بېرىپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمىگە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلىش؛ بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئاچقۇچى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش؛ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ماكرولۇق تەڭشەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ساقلاشقا پايدىلىق رېتسېپ يېزىش؛ مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېي ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىش؛ توغرا خىزمەت تەدبىرى ۋە ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشنى خىزمەت ئومۇمىي رىتىمى قىلىپ، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش سالمىقىنى ئىگىلەپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم مېتودولوگىيە بىلەن تەمىنلەش.

    ئىلمىي نەزەرىيە ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى بەش يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولىدىغان نەزەرىيە جەۋھىرى، ماركسىزم ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىققا تەتبىقلاشنىڭ ئىدراكىي يىغىنچاقلىنىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولدى. دەل مۇشۇ ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە قىسقىغىنا بەش يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچىسىغا ئايلاندى؛ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدا زور ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تىرەكلىك رولى كۆرۈنەرلىك ئاشتى؛ ئىقتىساد تېخىمۇ ھاياتىي كۈچ ۋە ئېلاستىكلىققا ئىگە بولۇپ، بەزى ئاچقۇچلۇق، ئۇللۇق ئىسلاھاتلاردا زور بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى؛ سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشتىكى سۆز ھوقۇقى زور دەرىجىدە كۈچەيتىلدى؛ خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىنى شەكىللەندۈردى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە ئاكتىپلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى.

    بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى باشلاشقا، ياخشى قەدەم ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولالايمىز.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 21 – كۈنى تېلېگراممىسى)

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368456311