سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەملىكىتىمىزدە 2018-يىلىدىن باشلاپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىش تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-21

    شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 17-دېكابىر تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن، 17-دېكابىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى» نى ئېلان قىلدى. لايىھەدە، 2018-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    لايىھەنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىنىشتىن پۈتۈن مەملىكەتتە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىغا تۆلەم بېرىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، «كارخانىلار بۇلغاش، ئامما زىيانغا ئۇچراش، ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىش»تەك قاتمال ھالەتتە ئۈنۈملۈك بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى بېكىتىش، باھالاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە خەلقنىڭ مۇھىت ھوقۇق مەنپەئەتى كۈچلۈك قوغدىلىدۇ.

    بۇ قېتىمقى لايىھەدە نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئاساسىدا، قىسمەن مەزمۇنلار تولۇقلىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى: بىرىنچىدىن، تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقدارىنىڭ دائىرىسى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتتىن شەھەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگىچە كېڭەيتىلىپ، تۆلەم خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى؛ ئىككىنچىدىن، يەرلىكتىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىغا تۆلەم بېرىلىدىغان ئەھۋاللارنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، تۆلەم خىزمىتىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى؛ ئۈچىنچىدىن، كېڭىشىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ‹‹كېڭىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش›› تەرتىپى بەلگىلەندى ھەم كېڭىشىش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان تۆلەم كېلىشىمىنى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيەلىك بېكىتىشىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تۆلەم كېلىشىمىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش فۇنكسىيەسى يۈكلەندى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368430061