سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-21

    قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان خۇمېن 2-كۆۋرۈكى (14-دېكابىر فوتوسى)

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە ۋە ئاساسلىق مەزمۇن. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ كىندىك رايونى بولغان گۇاڭدۇڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈردى، بۇنىڭ بىلەن گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ سىرتقا قارىتىلغان قاتناش-تىرانسپورت تورى تەدرىجىي شەكىللەندى. نۆۋەتتە، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى بويىچە سىرتقا قارىتىلغان يول تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن بولۇپ، يولۇچى توشۇش، مال توشۇش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ مەملىكەت بويىچە سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى ھەممىسىنىڭ %35 تىن ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئىشەنچلىك، تاموژنىدىن ئۆتۈش قولايلىق، ئوبوروت راۋان، ئىقتىساد يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دېڭىز-قۇرۇقلۇق-ھاۋا يانداش بولغان، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تۇتاشتۇرىدىغان دەرۋازا ۋە تۈگۈن شەكىللەندۈرۈشكە شارائىت ھازىرلاندى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368429911