سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مۇشۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى تەكشۈرۈلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-21

    16-يانۋاردىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 5-يىللىق، تولۇقسىز 1-يىللىق، تولۇقسىز 2-يىللىق ۋە تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھانى ئېلىنىدىغان بولۇپ، ئىمتىھان بىرتۇتاش ئېلىنىدۇ، ئىمتىھان قەغىزى بىرتۇتاش تەكشۈرۈلىدۇ ۋە بىرتۇتاش تەھلىل قىلىنىدۇ. بۇ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ، بۇ يىلدىن باشلاپ، ھەربىر ئوقۇش مەۋسۇمىدا خالىغان يىللىق ۋە پەن تۈرلىرى تاللاپ تەكشۈرۈلىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ 19-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 5-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات، ئەخلاق ۋە جەمئىيەت، گۈزەل سەنئەت، پەن-تېخنىكا؛ تولۇقسىز 1-يىللىقلارنىڭ ئەدەبىيات؛ تولۇقسىز 2-يىللىقلارنىڭ ماتىماتېكا پېنى تەكشۈرۈلىدىكەن؛ تولۇق 3-يىللىقلارنىڭ 1-قېتىملىق تەقلىدىي ئىمتىھانى بىرتۇتاش تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن. تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىغان پەنلەردىن ئايرىم مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئېلىنمايدىكەن.

    تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن پەنلەرنىڭ ئىمتىھان سوئالى ئانچە قىيىن ئەمەس ئىكەن، تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەكتەپلەرگە ئېلان قىلىنمايدىكەن. مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، بىرتۇتاش ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى تەكشۈرۈلىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368429871